باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ساياھەت مەنزىرىگاھلىرىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئوبدان قوغدىدى

2014.04.15 09:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھاۋارايىنىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، تۆت پەسىل ئېنىق بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ساياھەت ئالتۇن مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. نۇرغۇن 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرىگاھلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى 9 مەنزىرىگاھ يېشىل ساياھەتنى ئوتتۇرغا قويدى، تەبىئەتكە قايتۇرۇش شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىدىكى ئاساسىي رېتىمغا ئايلاندى.

  ئېلىمىزدىكى داڭلىق تەبىئىي ساياھەت مەنزىرىگاھى بولغان قاناس ساياھەت مەنزىرىگاھىنىڭ ساياھەتچىلەرنى قوبۇل قىلىشتا بەرداشلىق بېرىش سانىنى ئىلمىي بېكىتىش ئۈچۈن، ساياھەت مەنزىرگاھلىرىنىڭ ھازىرقى ئاساسىي ئەسلىھەلىرى، قوبۇل قىلىش شارائىتى، مۇلازىمەت سەۋىيەسى، مۇھىتىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا بۇ يىل ساياھەت يۇقىرى دولقۇن مەزگىلىدە ساياھەتكە چەك قويۇشنى يولغا قويۇپ، كۈنىگە كۈتۈۋالىدىغان ساياھەتچىنى 8 مىڭ كىشى ئىچىدە كونترول قىلدى، بۇ جاي شىنجاڭدىكى ساياھەت يۇقىرى دولقۇن مەزگىلىدە ساياھەتچىلەرگە چەك قويغان تۇنجى داڭلىق مەنزىرگاھ بولۇپ قالدى.

  ئۈزۈم يۇرتى تۇرپاننىڭ بۇيلۇق مەنزىرىگاھى بۇ يىل مەنزىرىگاھ رايونىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىمارەتلەرنى بۇزۇپ، مەنزىرىگاھ رايونىنىڭ مۇھىت تازلىقىنى رەتكە سېلىپ، مەنزىرىگاھنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك قىياپىتى، گۈزەل مەنزىرىسىنى پەيدىن-پەي ئەسلىگە كەلتۈردى؛ ئېلىمىزدىكى ئەڭ گۈزەل يايلاق دەپ تەرىپلىنىدىغان نارات مەنزىرىگاھى تەبىئىي مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن مۇۋاپىق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلدى، ھازىر مەنزىرىگاھ يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا چارۋا بېقىشنى چەكلەش ۋە مەنئىي قىلىشنى يولغا قويۇپ، يايلاقنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. شىنجاڭ ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىنام نەسىردىن مۇنداق دېدى: ساياھەت مەنزىرىگاھى ساياھەتچىلىكتىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇن، مەنزىرىگاھلارنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەسىنى قوغداش- شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مەنزىرىگاھلارنىڭ ئورتاق قارشى بولۇپ قالدى. شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى ئاخىرىدا تەبىئىي ھالەتكە قايتىدۇ، يېشىل تەرەققىيات ئارقىلىق، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر ھەمدە كېيىنكى ئەۋلادلارغا تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك ساياھەت ئېسىل مەھسۇلاتلىرىنى قالدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر