باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يىپەك يولى بويىدىكى شەھەرلەر ساياھەتنى بىرلىكتە تەۋسىيە قىلىدۇ

2014.04.15 08:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا «يىپەك يولىنى ساياھەت قىلىش- غەربىي دىيارنىڭ مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىش» تېمىسىدىكى يىپەك يولى بىرلەشمە ساياھەت تەشۋىقاتنى ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار پائالىيەتلەر يىپەك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان شىئەندە باشلاندى. بۇ پائالىيەتنى شىئەن شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى قوزغىغان، شەنشىنىڭ شيەنياڭ، باۋجى، گەنسۇنىڭ لەنجۇ، تيەنشۈي، جيا يۇگۈەن ۋە شىنجاڭنىڭ تۇرپان، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق يىپەك يولى بويىدىكى 12 شەھەردىكى ساياھەت تارماقلىرى بىرلىكتە قاتناشقان. ئىگىلىنىشىچە، قاتناشقان شەھەرلەر مول ساياھەت بايلىقى ۋە ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئۈستۈنلۈكى ئارقىلىق، يېڭى يىپەك يولى ساياھىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىتتىپاقىنى بىرلىكتە قۇرۇپ، ئۆمەك ئۇيۇشتۇرۇپ ساياھەت بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، يىپەك يولىدىكى ئالاھىدە ساياھەت لىنىيەسىدىن 8نى كەينى-كەينىدىن تەۋسىيە قىلىدىكەن. بۇ يىل 6-ئايدا، چاڭئەن نومۇرلۇق يىپەك يولى ساياھەت مەخسۇس پويىزى شىئەندىن تۇنجى بولۇپ يولغا چىقىپ، يىپەك يولىدىكى ئاساسلىق ساياھەت شەھەرلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرىدا ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارىدىكەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر