باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يالغان پوچتا كارخانىسىنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلوسىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىلىدۇ

2014.04.15 09:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسى تۈنۈگۈن جايلاردىكى پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسىغا جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پوچتىغا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېقىندا، ئالاقىدار تاراتقۇلار جەمئىيەتتە ساقلىنىۋاتقان پوچتا بەلگىسى بار ئاپتوموبىللارنى ئىجارىگە بېرىش ئەھۋاللىرىنى خەۋەر قىلغان. دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسى جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى شىركىتىدىن خەۋەرنىڭ مەزمۇنىنى ئېنىقلاپ، ئەھۋالنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پوچتا ئاپتوموبىللىرى پوچتا كارخانىلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن بەلگىلىمە بويىچە پوچتا يوللانمىسىنى توشۇغاندا ئىشلىتىدىغان ئالاھىدە ئاپتوموبىل. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پوچتا قانۇنى» نىڭ 28- 79-ب ماددىلىرىدا يەنە مۇنۇلار بەلگىلەندى: پوچتا كارخانىلىرىنىڭ نامى ياكى پوچتا ئالاھىدە بەلگىسىنى ئىشلەتكەنلەرنى ۋە ياكى يالغان پوچتا مەخسۇس بۇيۇملىرىنى ياسىغانلار، يالغان پوچتا مەخسۇس بۇيۇملىرىنى ئېلىپ ساتقانلارنى پوچتا باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۆزگەرتىدۇ، يالغان پوچتا مەخسۇس بۇيۇملىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ ئېرىشكەن تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر