باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئۇيقۇ شەھەر»نىڭ ئويغىنىش يولى

2014.04.15 09:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەنجياۋ خېبېي ئۆلكىسى لاڭفاڭ شەھىرىنىڭ سەنخى شەھىرىدىكى بىر بازار، بېيجىڭ تىيەنئەنمىنگە 30 كىلومېتىر كېلىدۇ، بېيجىڭ تىيەنجىن خېبېنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يەنجياۋنىڭ ئورنى- بېيجىڭنىڭ رايون ھالقىغان ھەمراھ شەھەر، ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندىكى يەنجياۋ «ئۇيغۇ شەھىرى»گە ئايلىنىپ بېيجىڭلىقلارنىڭ «ياتىقى»غا ئوخشاپ قالدى. سەنخى شەھىرى يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ باغچە رايونى خىزمەت كومىتېتىنىڭ سكرېتارى ليۇ ۋىي مۇنداق دېدى: بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى بېيجىڭدا خىزمەت قىلىدىغانلار، بۇ يەردە تۇرىدۇ، كەچلىرى بىر سومكا كۆكتات كۆتۈرۈپ كېلىدۇ، يەنجىياۋدىن كۆكتاتمۇ سېتىۋالمايدۇ، باشقا ئېستىمالمۇ قىلمايدۇ. خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سىكرېتارى جوۋ بىنشۈن مۇنداق دېدى: دۇنيا دەرىجىلىك شەھەرلەر توپىغا ماس كېلىدىغان 2-دەرىجىلىك مەركىزى شەھەر، چوڭ شەھەر، ئوتتۇرا كېچىك ھەمراھ شەھەر بەرپا قىلىشتا بىر تەرەپتىن يەرلىك كىشىلەرنى جەلىپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، يەنە بىر تەرەپتىن بېيجىڭ تىيەنجىن نوپۇسىنى جەلپ قىلىش كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بۇ خىل تەپەككۇر بېيجىڭدىكى ئەمەلدارلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. بېيجىڭ شەھەرلىك پەن-تېخنىكا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يەن ئاۋشۇاڭ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: كەسىپ يۆتكىلىشى بولغاندىلا، كىشىلەرنىڭ ئىككى شەھەردە تۇرمۇش كەچۈرۈشگە خاتىمە بېرىپ، خېبىيدىلا ئېلىپ قالغىلى بولىدۇ. ئەتراپتىكى نۇرغۇن ئوتتۇرا كىچىك شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتى بىزنىڭ بېيجىڭ تىيەنجىن خېبىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر قىسىم ياشلار يېقىن جايدا ئۆي سېتىۋېلىپ، يېقىن جايدا ئىشلەپ، يېقىن جايدا تۇرمۇش كەچۈرۈشى مۇمكىن، داۋالاش، مائارىپ بايلىقى، قاتناش مۇشۇنداق تەرەققىي قىلىدىغان بولسا، بۇ مېنىڭ ئويلىغىنىمدىكىدەك ئىش بولىدۇ. نۆۋەتتە بېيجىڭ تىيەنجىن خېبىينى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئۇقۇمىدىكى سەنخى شەھىرىدە خېرىدار چاقىرىش بەك قىزىپ كەتتى، ھالبۇكى خېبىنىڭ كەسىپ كىرگۈزۈشى «ئۇيقۇ شەھەر»نى ئويغىتىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، تۈرلۈك مەنپەئەت توقۇنۇشىنى بايقاش تەس ئەمەس. پەنگۈ ئاقىللار ئامبىرىنىڭ شەھەر بازارلاشتۇرۇش باش تەتقىقاتچىسى يى پىڭ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە پايتەخت ئەتراپىدىكى «ئۇيقۇ شەھەرلىرى»نى ئويغىتىشتا ۋەزىپە مۇشكۇل، يول يىراق. 1-ئۇيقۇ شەھەر ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىگە ئەمەس بەلكى بازارنىڭ يېتەكچىلىكىگە مۇھتاج، چۈنكى بازار يېتەكچىلىكى ناھايىتى ئېنىق ھالدا نوپۇسقا يىتەكچىلىك قىلالايدۇ، ئۇ ئاقىلانە تەدبىر چىقىرالايدۇ. 2- بۇ ئۇيقۇ شەھىرى چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەك، ئۇنچە كۆپ ئادەم بولمىسا كۆلەمنى زورايتقان بىلەن داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ. 3- ئاچقۇچ- بۇ شەھەرنى جانلىق شەھەرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك، بۇنىڭدا كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇش، ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق بىر يۈرۈش ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئويلىشىش كېرەك. كىشىلەر ئاسان تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان بولۇشى ھەمدە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر