- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


غەربىي رايوندىكى ئەڭ چوڭ بۇلۇت ھېسابلاش سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرۇلۇشى باشلاندى
2014.04.15 08:53 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
20 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان غەربىي رايوندىكى ئەڭ چوڭ بۇلۇت ھېسابلاش سانلىق مەلۇمات مەركىزى توپلاشتۇرۇش تۈرى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئۇچۇر تۈگىنى بولغان شىنجاڭ بۇلۇت ھېسابلاش سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرۇلۇشى 13-ئاپرېل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا باشلاندى. دۆلەتنىڭ مۇھىم ئۇچۇر سىستېمىسى ۋە ئىنتېرنېت تورى كارخانىسى ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى سانلىق مەلۇماتنى ساقلاش مۇلازىمىتى قىلىدۇ. 2020-يىلى تۈر ئومۇميۈزلۈك تاماملانغاندىن كېيىن، 100 مىڭ كۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان سانلىق مەلۇمات مەركىزى كومپيۇتېر ئۆيى مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ بۇلۇت ھېسابلاش يېشىل سانلىق مەلۇمات مەركىزىگە ،پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەنگەن ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سەككىز دۆلەتنىڭ ئاپەتكە تەييارلىق كۆرۈش مۇلازىمەت ئۇل ئەسلىھە سەھنىسىگە ئايلىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر