باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نەشىرىيات كەسىپىنى تورلاشتۇرۇش كېرەك

2014.04.15 09:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مائارىپ پەن مەدەنىيەت سەھىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، جۇڭگو نەشرىياتچىلىق جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى ليۇ بىنجې يېقىندا ئېچىلغان 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو نەشرىياتچىلىق جەمئىيىتىنىڭ 4- قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا، ئېلىمىزنىڭ نەشرىياتچىلىق كەسپىدە جەنۇب شىمالغا تۇتاشقان تور قۇرۇلۇشى بەرپا قىلىپ، رايون بازار ئايرىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ياخشى رىقابەتنى شەكىللەندۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.

  ليۇ بىنجى مۇنداق دېدى: ھازىر نەشرىياتچىلىق كەسپىنىڭ بىرىكىشى جەھەتتە يولۇققان گەۋدىلىك مەسىلە- بازار سەھنىسىنىڭ بىردەك بولماسلىقى، رايون خاراكتېرلىك بازار ئىلىپ كەلگەن رايون تەرەققىيات مەلۇم دەرىجىدە پۇتكۇل تەرەققىياتقا توسالغۇ پەيدا قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئەۋزەل گۇرۇھ ۋە ئەۋزەل مەھسۇلات ئەڭ كەڭ بازارغا ئىگە بولۇشى كېرەك، دۆلەتنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىغا ئوخشاش، دۆلەت ئىلىكىدىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدىن باشلاپ، جەنۇب شىمال تورى بەرپا قىلىش، ئاساسلىق كارخانا باشلامچى بولۇش، دۆلەت بەلگىلىك قوللاش، چوڭ ماددىي ئوبوروت تەقسىملەش سىستېمىسى بەرپا قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا توردا سېتىش سەھنىسى بەرپا قىلىش، بارلىق نەشرىيات گۇرۇھىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ سەھنىگە كىرىپ سودا قىلىش تەكلىپىنى بېرىمەن. ئۇ مۇنداق دېدى: نەشرىيات كەسپىنىڭ رايون، كەىسپ، مۈلۈكچىلىك ھالقىغان«ئۈچ ھالقىش» تىپىدىكى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، قوشۇۋېتىش بىلەن قايتىدىن تەشكىللەشنى تېزلىتىش كېرەك، بۇ چوڭ تىپتىكى ئەمەلىي كۈچى بار نەشرىيات ئورگانلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا تەرەققىياتنىڭ مۇھىم پۇرسىتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر