- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
سۈيبېي لىنىيەسىنىڭ يولۇچىلار پويىزى رېلىستىن چىقىپ كەتكەن بۆلىكىدە قاتناش ئەسلىگە كەلدى
2014.04.15 09:09 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ خاربىن تۆمۈر يول ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، خېيلۇڭجياڭنىڭ سۈيبېي لىنىيەسىدە يۈزبەرگەن K 7034- قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىش ھادىسىسىدە خەيلۇندىن دۇڭبيەنجىڭ بۆلىكىگىچە بولغان تۆمۈر يولدا تۈنۈگۈن سائەت 18 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە قاتناش ئەسلىگە كەلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تۈنۈگۈن سائەت 3 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە، خېيخېدىن خاربىنغا بارىدىغان K 7034- قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز سۈيبې لىنىيەسىنىڭ 215 كىلومېتىر 597 مېتىرلىق خەيلۈندىن دۇڭبيەنجىڭغىچە بولغان بۆلىكىدە رېلىستىن چىقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەردى. ھادىسىدە ئۆلۈم يېتىم بولمىدى، يارىلانغان 15 يولۇچىنىڭ ھەممىسى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىلدى، ھادىسىنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە. ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، تۆمۈر يول تارماقلىرى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش پويىزىنى ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا ئەۋەتتى، رېمونت قىلىش ئەسۋابلىرىنى يۆتكەپ، ھادىسىدىن قۇتقۇزۇش ۋە لىنىيەنى رېمونت قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانات يايدۇردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر