- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئېلىمىز نوپۇس قىرىلىشىشنىڭ تېز تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا كىردى
2014.04.15 09:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئېلىمىز نوپۇس قىرىلىشىشنىڭ تېز تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا كىردى، 2013-يىلى ياشانغانلارنىڭ نوپۇسى 200مىليوندىن ئېشىپ كەتتى، 2052-يىلغا بارغاندا 487 مىليونغا يېتىپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %34نى ئىگىلەيدۇ. مەملىكەتلىك ياشانغانلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋۇ يۈشاۋ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، قېرىلىشىش جەمئىيىتى ئېلىمىزدە ئالتە چوڭ كۈتۈنۈش كەسپىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ ئالتە كەسىپ مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ياشانغانلارغا يۈزلەنگەن ساغلاملىقنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت كەسپى، ئىقتىدارىدىن قالغان كېسەلچان ياشانغانلارغا يۈزلەنگەن سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈتۈش كەسپى، مەھەللىلەردىكى ياشانغانلارغا يۈزلەنگەن ئائىلە مۇلازىمەت كەسپى، ئوتتۇرا تۆۋەن ياشتىكى ساغلام ياشانغانلارغا يۈزلەنگەن ياشانغانلار مەدەنىيەت تەلىم-تەربىيە كەسپى، ئورگانلاردىكى مەھەللىلەر ۋە ئائىلىلەردىكى ياشانغانلارغا يۈزلەنگەن ياشانغانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشغا ماس كىلىدىغان مۇلازىمەت كەسپى، ئوتتۇرھال كىرىملىكلەردىن يۇقىرى ياشانغانلارغا يۈزلەنگەن ياشانغانلار پۇل-مۇئامىلە مالىيە باشقۇرۇش كەسپى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر