باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇرپاندا بىر يۈك پويىزىنىڭ ۋاگونىغا ئوت كەتتى

2014.04.15 14:05         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى تۇرپان 14-ئاپرېل تېلېگراممىسى: 14-ئاپرېل سائەت 12:06 دە، تۇرپان ۋىلايەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىنىڭ قوماندانلىق مەركىزى توقسۇن ناھىيەسى مەرۋايىت ئارشاڭ ۋوگزالىدىن جەنۇبىي شىنجاڭ يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭغان 45 ۋاگونلۇق بىر يۈك پويىزىنىڭ 24-ۋاگونىغا ئوت كەتكەنلىكى، نەق مەيداندا 10 بال ئەتراپىدا بوران چىقىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى پاش قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغان.

  پاش قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تۇرپان ۋىلايەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىنىڭ قوماندانلىق مەركىزى ئالتە ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، 24 ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنى نەق مەيدانغا ئەۋەتكەن بولسىمۇ، كۈچلۈك بوراندا ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى قىيىنغا چۈشكەنلىكتىن، يەنە ئىككى ئاپتوموبىل 10 ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ياردەمگە كېلىپ، 76.5 توننا ئوت ئۆچۈرگۈچ بىلەن ئوت ئاخىرى ئۆچۈرۈۋېلىنغان، ئوت كەتكەن ۋاگوندىكى 60 توننا پاختا كۆيۈپ كەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر