- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سەككىز بەلگىلىمىگە خىلاپ 220 دېلو تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى
2014.04.15 10:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ 14-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 8-ئاپرېلدىن 11-ئاپرېلغىچە، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 220 تىپىك دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.
يېقىندا، ماي بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، نازارەت خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى تۆت ناتوغرا ئىستىلنى نازارەت قىلىش، پاش قىلىش مەخسۇس سەھىپىسىنى ئاچتى. تۆت ناتوغرا ئىستىلنى نازارەت قىلىش، پاش قىلىش مەخسۇس سەھىپىسىدە، سەككىز بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپ دېلولارنى ھەر ھەپتىدە ئۇقتۇرۇش سەھىپىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، جايلار، تارماقلار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ دېلولار ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر