باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۈچ سىنىشىش مەيدانىغا چۈشۈپ قالغان ــ ئوكرائىنا

2014.04.15 10:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى تەمىنلەيدىغان تەبىئىي گاز باھاسىنى ئۆرلىتىشىگە ئەگىشىپ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى داۋاملىق يامانلىشىشقا باشلىدى.

  يېقىندا، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتى كۈنسېرى جىددىيلەشتى، بۇنىڭدىكى سەۋەب تەبىئىي گاز تالاش-تارتىشدىن بولدى.

  3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن بۈگۈنكى كۈنگىچە، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ تەبىئىي گازنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىلىپ بېرىلغان ماجىراسى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ئۇكرائىنا «باھانى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسى يوق، شۇنداقلا قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ» دەپ ھېسابلىدى ھەمدە خەلقئارا سوتقا رۇسىيىنىڭ ئۆز ئالدىغا كېلىشىمنى بۇزغانلىقى توغرىسىدا ئەرز سۇنماقچى بولدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئۇكرائىنانى ئۆزىگە تارتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتى ئۆزلۈكسىز يامانلاشتى، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش بولماقتا، ھازىرقى ھاكىمىيەتنى رۇسىيە ئېتىراپ قىلمىدى. قىرىمنىڭ رۇسىيىگە قوشۇلۇشى بىلەن، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسىيىگە قارىتا بىر قاتار جازالاش تەدبىرىنى قوللاندى، رۇسىيەمۇ غايەت زور بېسىمغا يولۇقتى. بۇ قېتىم رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتى.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى جامائەتچىلىكى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا نۆۋەتتە ئۇكرائىنانىڭ سلوۋاكىيە، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەردىن ۋە گېرمانىيە بىلەن فرانسىيەنىڭ بىر قىسىم ئېنېرگىيە كارخانىلىرىدىن تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسقا مۇددەتلىك ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان تۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم تەبىئىي گازنى ئىمپورت قىلىشتا يەنىلا رۇسىيىگە تايىنىدۇ، رۇسىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئېكسپورت قىلىدىغان تەبىئىي گازنى ئازايتىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىشىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا ياردەم بېرەلمەي قالىدۇ. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسىيىنىڭ تەبىئىي گاز جەھەتتە رۇسىيىگە تايىنىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن غايەت زور بەدەل تۆلەيدۇ. بۇ يېقىندا ئىقتىسادىي كىرىزىسىدىن قۇتۇلۇپ ئەسلىگە كەلگەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئىلىپ ئېيتقاندا بىر ئاقىلانە تاللاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئاكتىپ بولماسلىقى ئامېرىكىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياردەم بېرەلمىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان. گەرچە، ئامېرىكا سېخىيلىق بىلەن تەبىئىي گاز ئېكسپورتىنى زور كۈچ بىلەن كۆپەيتكەن ھەتتا ئىستراتېگىيەلىك زاپاس تەبىئىي گازىنى ئاجرىتىش ئارقىلىق ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ياردەم بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شەرقىي ياقىسىدا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش ئاساسىي ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشغا ناھايىتى كۆپ مەبلەغ كېتىدۇ، ئامېرىكا تەبىئىي گازىنى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كۆپلەپ يەتكۈزۈشىگىمۇ ئاز دېگەندە بەش ئالتە يىل ۋاقىت كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۇستىگە باھاسى رۇسىيىنىڭ تەبىئىي گازدىن تۆۋەن بولمايدۇ.

  موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخى فاكۇلتېتنىڭ ئۇكرائىنا ۋە بېلورۇسىيە مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى : ئۇكرائىنا تەخمىنەن %80 نېفىت ۋە تەبىئىي گازىنى ئىمپورت قىلىدۇ، بۇنىڭ كۆپىنچىسى رۇسىيەدىن كېلىدۇ.

  رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتدە مۇرەسسەلىشىش لايىھىسىنى ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ. بۇ ئۇكرائىنانىڭ ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشغا باغلىق. ئۇكرائىنا رۇسىيىگە قايتۇرىدىغان تەبىئىي گاز قەرزىنى ئۇكرائىنا نېفىت تەبىئىي گاز شىركىتى قايتۇرىدۇ، بۇ شىركەتنىڭ مالىيە ئەھۋالى ناچار. ئۇكرائىنا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى 2014- يىللىق مالىيە خام چوتى قىزىل رەقىمىنىڭ تەخمىنەن 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەنلىكىنى، باھالىدى. بۇ شىركەتنىڭ باش لىدىرى 7 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشى مۇمكىن دېدى. مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى ۋەدىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەمەلىيلەشمەسلىكى ئۇكرائىنانىڭ قىيىن ئەھۋالدا قۇتۇلۇشىنىڭ ئاچقۇچى بولماقتا.

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى يېقىندا مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدىكى تۆت تەرەپ سۆھبىتىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى تېخى باشلانمىدى، ھازىر ئۇچرىشىش كۈنى، قارالمىسى ۋە شەكلىدە بىردەك قاراشقا كەلمىدى.

  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى 17-ئاپرېل شۋېتسارىيەنىڭ جەنۋەدە ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا تۆت تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى سۆھبەتكە قاتنىشىدۇ ھەمدە كىرىزىسىنى دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش باشقارمىسىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى ئاشتون ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدىكى تۆت تەرەپ سۆھبىتىگە قاتنىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر