باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن ھاۋا ئارمىيەسى تۇنجى قېتىم ئوخشاش بىر رايوندا مالايشىيا MH370 ناملىق ئايروپىلانىنى ھەمكارلىشىپ ئىزدىدى

2014.04.15 16:52   مەنبە: خەلق تورى

ئېلىمىزنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن ھاۋا ئارمىيەسى تۇنجى قېتىم ئوخشاش بىر رايوندا مالايشىيا MH370 ناملىق ئايروپىلانىنى ھەمكارلىشىپ ئىزدىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 14-چېسلا، ئاۋسترالىيە دېڭىز بىخەتەرلىك ئىدارىسى بەلگىلەپ بەرگەن ئىزدەش دائىرىسى 47 مىڭ 644 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، 13-چېسلادىكىدىن تارايدى. جۇڭگونىڭ دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن ھاۋا ئارمىيەسى تۇنجى قېتىم ئوخشاش بىر رايوندا مالايشىيانىڭ ئالاقىسىنى يوقاتقان ئايروپىلانىنى ھەمكارلىشىپ ئىزدىدى. سائەت 9 ئەتراپىدا ھاۋا بوشلۇقىدا ئىزدەش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان جۇڭگو ھاۋا ئارمىيە ئايروپىلانى ۋەزىپە رايونىغا كىرىپ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ جىڭگاڭشەن ناملىق ھەربىي پاراخوت ئەترىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىزدىدى.

  14-چېسلا چۈشتە، ئاۋسترالىيە بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئەنگاس خوستوننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىزدەش خادىملىرى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 14 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە، سۇ ئاستىدا ئادەمسىز يۈرۈش ئەسۋابى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىزدىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئىزدەش خادىملىرى ئۇزۇنلۇقى 5.5 كىلومېتىر كېلىدىغان گۇمانلىق ماي دېغىدىن ئەۋرىشكە ئالغان، ماي دېغىنىڭ MH370 يولۇچىلار ئايروپىلانى بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقىنى ھازىرچە بېكىتكىلى بولمايدىكەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز