باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ھەمدە چوڭ دۆلەتلەردە بولۇشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت

2014.04.15 10:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا كىرىزىسى داۋاملاشماقتا، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى جازالاش ۋە جازالاشقا قارشى تۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى تىرىكىشىش ئىچىگە كىرىپ قالدى. يېقىنقى بىر تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، %50 ئامېرىكا ئاممىسى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى باسقۇچىغا كىردى دەپ ھېسابلايدىكەن. «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» دەپ مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: بۇ بىر قىسىم كىشىلەر ئەندىشە قىلغان يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشىنى پەيدا قىلمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇزۇنغىچە داۋاملىشىدىغان يېڭىش تەس بولغان قارشىلىشىش ۋە يىراقلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .

  تارىخنى سۈرۈشتۈرسەك، شەرقىي ياۋروپا زېمىنى نۇرغۇن قېتىم شەرق بىلەن غەربنىڭ كەسكىن تىكىپ سۆكۈشىنى باشتىن كەچۈرگەن. بولۇپمۇ 1814-يىلى ۋېئېنا يىغىنىدىن بۇيان، بۇ يەردە سانسىز قېتىم چوڭ دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي تىركىشىشى يۈز بەرگەن. بۇ يەر ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاساسلىق جەڭ مەيدانلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى قىسمى. كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېركېلىي شۆبە مەكتىپىنىڭ سىياسىيشۇناسى ئېدىۋارد ۋوك نۆۋەتتىكى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشىنىڭ مەنبىيى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «ۋاشىنگتون ۋاقىت گېزىتىدە» ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ تەھلىل قىلدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى كېڭەيتىش رۇسىيە بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدا ئېغىر جۇغراپىيەلىك كۈرىشىشنىڭ ھاسىل بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەب، بۇ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ئەۋجىگە چىقىش دەرىجىسىگە يەتتى. ئامېرىكىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېك ماتروك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكىنىڭ خەقنى بوزەك ئېتىش ھەرىكىتى رۇسىيەنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى. بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى گېدېن ئادانس باشقا بىر نۇقتىدىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رۇسىيە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ئەھۋالىغا ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ، ئامېرىكىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرى بۇ رېئاللىقنى چۈشەنمىدى.

  نۆۋەتتە، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ جامائەتچىلىكى بىر بىرىگە قاتتىق گەپ قىلماقتا، نۆل يىغىندىلىق تەپەككۇرى مەركەزلىك قوزغالدى، تۆۋەندىكىدەك بەزى ئورتاقلىققا ئىگە سۆزلەر پەيدا بولدى يەنى سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ساقلانغان تەرتىپ ئاياغلاشتى، ياۋروپانىڭ يېڭى تارىخى يېڭى باسقۇچى تېخى بېكىتىلمىدى، خەلقئارا سەھنىدىكى يېڭى قارشىلىشىش دەۋرى يېتىپ كەلدى. يېڭى جازالاش ئارقا ئارقىدىن چىقىپ تۇردى، رۇسىيە بىلەن غەربنىڭ نورمال مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاساسى يوقىدى.

  ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەۋرىنىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، يەر شارى قېلىپى مۇشۇ سەۋەبتىن تەسىرگە ئۇچرايدۇ ھەمدە بۇ تەسىرگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. كىشىلەر، بەزى خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك مۇساپە ۋە خەلقئارا قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر كېڭىشىشىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆردى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتتىن گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشمىدى. يەتتە دۆلەت گۇرۇھى يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە رۇسىيەنىڭ سەككىز دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتى ۋاقتىنچە توختىتىلدى. خەلقئارا جامائەتچىلىك ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ئەندىشە قىلدى. بۇ قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنىڭ 2013-يىلى سىياسىي ھەل قىلىش يولىدا ئىلگىرلەشكە ئېرىشىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ماسلىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ۋۇدېرو ۋېلسون خەلقئارا ئالىملار مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يالون ئارون مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۋېتىدۇ.

  چوڭ دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان خەلقئارا تەسىر كۈچى، رولىغا ئاساسەن خەلقئارا مەسئۇلىيىتى،ئەخلاق ۋە ھەققانىيلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىي كۈچى مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپ قىلىۋېتىش، ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۋېتىشتە ئەمەس، بەلكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىجادىي رول ئويناش جەھەتتە گەۋدىلىنىشى كېرەك.

  دىققىتىمىزنى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە مەركەزلەشتۈرسەك، كىشىلەرنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى شۇكى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ نۆل يىغىندىلىق تەپەككۈرلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئىختىلاپلارنى ئېغىر بېسىقلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش قىلالماسلىقى. ھەقىقىي تىنچلىق ئۈچۈن ئىزدىنىش، تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە ئەستايىدىل ئىزدىنىش ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا چوڭ دۆلەتلەر ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر