باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورىيەنىڭ چۆكۈپ كەتكەن يولۇچىلار پاراخوتىدا قازا قىلغانلار 9 غا يەتتى

2014.04.18 08:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورىيە مەركىزىي ئاپەت بىخەتەرلىكى تەدبىر بەلگىلەش بۆلۈمى 17-ئاپرېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 غا قەدەر، 475 يولۇچى ئولتۇرغان كورىيەنىڭ چۆكۈپ كەتكەن يولۇچىلار پاراخوتىدا قازا قىلغانلار 9 غا كۆپەيدى، باشقا 179 ئادەم قۇتقۇزۋېلىندى، 287 كىشىنىڭ ئىز دېرىكى بولمىدى. جۇڭگونىڭ كۇاڭجۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىر ئەر، بىر ئايال جۇڭگولۇق پۇقرانىڭ چۆكۈپ كەتكەن كورىيەنىڭ يولۇچىلار پاراخوتىدا ئىكەنلىكىنى جەزمىلەشتۈردى.

  شۇ كۈنى، كورىيە ئارمىيەسى ۋەقە يۈز بەرگەن دېڭىز ساھىلىغا 26 پاراخوت، 3 ئايروپىلان ۋە نەچچە يۈز غەۋۋاس ئەۋەتىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ياردەم بەردى. كورىيە دېڭىز ساقچىلىرى: شۇ كۈنى دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يولۇچىلار پاراخوتى دېڭىزدا كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز مېڭىش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن، پاراخوتتىكى يۈكلەر يۆتكىلىپ كېتىپ بىر تەرەپكە قىڭغىيىپ چۆكۈپ كەتكەن، ئەمما ئېنىق سەۋەبى يەنىمۇ تەكشۈرۈلمەكتە، دېدى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر