باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشتا قوللىنىلىدىغان ‹‹ھەممىباب كارتا›› تۆت دەرىجىنى تولۇق قاپلىدى

2014.04.15 13:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋ جىن، شۈ شىنئاڭلارنىڭ 14 – ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈچ يىللىق قۇرۇلۇش نەتىجىسىدە، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشتا قوللىنىلىدىغان ‹‹ھەممىباب كارتا›› ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)، يېزا – بازار، كەنتتىن ئىبارەت تۆت دەرىجىنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، جەمئىي 10 مىليون 444 مىڭ 200 ‹‹ھەممىباب كارتا›› تارقىتىلغان.

  سەھىيە نازارىتى يېزا سەھىيە باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈي پېيلەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز 2010 – يىلى ‹‹بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم، بىرلىككە كەلگەن سۇپا، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا ئالاقىلىشىش›› پىرىنسىپى بويىچە بىر تۇتاش پىلانلانغان رايونلاردا يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ئۇچۇر تورىنى مەركەز قىلغان، ھەر دەرىجىلىك يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش بويىچە بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى (ئامبۇلاتورىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاپلىغان ‹‹ھەممىباب كارتا›› ئۇچۇر سەھنىسى قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، فوند جۇغلاش، ئىجرا قىلىشنى باشقۇرۇش، خىراجەتنى تولۇقلاپ بېرىش، بەلگىلەنگەن نۇقتىدا ھېسابات قىلىش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشنى يولغا قويدى ۋە دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ داۋالاش راسخوتىنى توردا بىۋاسىتە ئېلان قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ‹‹ھەممىباب كارتا››سىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدا ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)، يېزا – بازار، كەنتتىن ئىبارەت تۆت دەرىجىدىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش بويىچە بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى تۇتاشتۇرۇشنى، ئورتاق بەھرىلىنىشنى، يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشتا ۋاقتىدا ھېسابات قىلىش ۋە ۋاقتىدا دوكلات قىلىش، تولۇقلىما مەبلەغنى تولۇق تۆلەش، شەخسلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ۋە تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆزىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) دائىرىسىدىكى يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش، جامائەت سەھىيە مۇلازىمىتى (ئاھالىلارنىڭ ساغلاملىق ئارخىپى) ۋە يېزا – بازار سەھىيە دوختۇرخانىسىنىڭ siH–enilno سىستېمىسىنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇشىنى، ئۆز ئارا ئالاقىلىشىشىنى ۋە سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رايون خاراكتېرلىك سەھىيە سەھنىسى قۇرۇلۇشىغا پۇختا ئاساس سالدى. يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشتا بىر تۇتاش پىلانلانغان رايونلار ‹‹ھەممىباب كارتا››نى ئىشلىتىپ، تۆلەملىك ھېساباتنى يولغا قويۇشنى باشلىدى. كەلگۈسى ئىككى يىلدا يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشتا ‹‹ھەممىباب كارتا›› ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش بويىچە بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىدا تۆلەملىك ھېسابات قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر