باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىلغان ئورنىدا دەسلەپكى پىششىقلاشقا تولۇقلىما بېرىش تۈرى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇش باشلاندى

2014.04.15 13:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  19ناھىيە (شەھەر) 30 مىليون يۈەن پىششىقلاش تولۇقلىمىسىغا ئېرىشتى

  شى چياۋمېي خەۋەر قىلىدۇ: 2014 – يىللىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىلغان ئورنىدا دەسلەپكى پىششىقلاشقا تولۇقلىما بېرىش تۈرى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدا 14 – ئاپرېل ئوقۇش باشلاندى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 19 ناھىيە(شەھەر) دۆلەتنىڭ 30 مىليون يۈەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىلغان ئورنىدا دەسلەپكى پىششىقلاش تولۇقلىمىسىغا ئېرىشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك كەسپى تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېن يۈجيې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە باغۋەنچىلىك كۆلىمى 20 مىليون مو بولۇپ، ئومۇمىي ھوسۇلى 6 مىليون 500 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ. شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىلغان ئورنىدا دەسلەپكى پىششىقلاشنى قوللاش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى 2012 – يىلى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىلغان ئورنىدا دەسلەپكى پىششىقلاش تۈرىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى، دۆلەت يىلدا 30 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، ‹‹مۇكاپاتلاش ئارقىلىق تولۇقلىما بېرىش›› ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقانلار ۋە كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ زاپاس ساقلاش، يېڭى ساقلاش ۋە قاقلاپ قۇرۇتۇش ئەسلىھەلىرىگە ياردەم بېرىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىلغان ئورنىدا پىششىقلاش ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلىدى.

  ئاپتونوم رايونىمىز بۇ تۈر يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىلغان ئورنىدا دەسلەپكى پىششىقلاشقا تولۇقلىما بېرىش مەبلىغىدىن 90 مىليون يۈەن مەبلەغنى قولغا كەلتۈردى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۈرۈشلەشكەن مەبلىغىنى قوشقاندا، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىلغان ئورنىدا دەسلەپكى پىششىقلاشقا تولۇقلىما بېرىش مەبلىغى 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى. ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا تۈرلۈك مۇكاپات تولۇقلىمىسى سۈپىتىدىكى ئەسلىھەدىن 1296سى قۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىدىن 789ى، قاقلاپ قۇرۇتۇش ئۆيىدىن 263ى، زاپاس ساقلاش ئورىسىدىن 114ى، مېۋە، كۆكتاتلارنى ھاۋا ئۆتۈشتۈرۈپ ساقلاش ئامبىرىدىن 130ى بولۇپ، جايلار 7 مىليون 430 مىڭ توننا مېۋە، كۆكتاتنى يېڭى ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىندى.

  ۋېن يۈجيې مۇنداق دېدى: بۇ يىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىلغان ئورنىدا دەسلەپكى پىششىقلاشقا تولۇقلىما بېرىش مەبلىغى ئاساسەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا مايىللاشتى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 13 ناھىيە 18 مىليون يۈەن مەبلەغكە ئېرىشىپ، 1500 يۈرۈش گۈلە قۇرۇتۇش ئۆيىدە دەسلەپكى پىششىقلاش تۈرى يولغا قويۇلدى. غۇلجا، جىمسار، جىڭ، قۇمۇل، باغراش، قاراشەھەر قاتارلىق ناھىيە، شەھەرلەر 12 مىليون يۈەن تولۇقلىما مەبلىغىگە ئېرىشىپ، زاپاس ساقلاش، يېڭى ساقلاش قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر