باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گۇمانىي خىمىيىلىك قورال ئىشلىتىش ۋەقەلىرى سۇرىيەدە قايتا يۈز بەردى

2014.04.15 10:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆتكەن يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقنىڭ شەرقىدىكى رايوندا يۈز بەرگەن خىمىيىلىك قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلار مىڭ كىشىگە يېقىنلاشتى، بۇنىڭ كەينىدىكى قاتىلنى تەكشۈرۈش تېخى ئاياغلاشمىدى. ھازىر يېڭىدىن خىمىيىلىك قورال ئىشلىتىش ۋەقەلىرى سۇرىيەدە قايتا يۈز بەردى. 11-ئاپرېل ئوتتۇرا قىسىمدىكى خاما شەھىرىنىڭ قافارچىتا كەنتى ۋە دەمەشىقنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى خارىستا رايونىدا گۇمانىي خىمىيىلىك قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. سۇرىيە ئەمەلدارى: سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر خىمىيىلىك قورال ئىشلەتتى دېدى، ئەكسىچە ئۆكتىچىلەر ھۆكۈمەت پۇقرالارغا خىمىيىلىك قورال ئىشلەتتى دەپ ئەيىبلىدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: سۈرىيەدىكى خىمىيىلىك قوراللار سۇرىيە مەسىلىسىنى پەيدا قىلغان ھەرقايسى تەرەپلەر بىر بىرىنى ئەيىبلەيدىغان ۋاسىتىگە ئايلاندى. خىمىيىلىك قوراللارنى ۋاقتىدا كۆيدۈرۈپ، خىمىيىلىك قوراللار توقۇنۇشىغا خاتىمە بېرىش قىسقا ۋاقىتتا ھەل بولىدىغان مەسىلە ئەمەس.

  ھۆكۈمەت تەرەپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى خىمىيىلىك قوراللار ھۇجۇمىدا ئىككى كىشى قازا قىلدى، نەچچە يۈز كىشى يارىلاندى.

  قاتىل زادى كىم؟ ھۆكۈمەت بىلەن ئۆكتىچىلەر ئۆزىنىڭ گېپى قىلماقتا. سۇرىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دەپ قارالدى: بۇ ۋەقەنى بۇ جايدىكى بازا تەشكىلاتىغا قاراشلىق ئەسەبىي قوراللىق كۈچ بولغان ئۆكتىچى غەلبە فىرونتى پەيدا قىلدى. ئۆكتىچىپەرەس سۇرىيە كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچى تورى مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 11-ئاپرېل قافارچىتا كەنتىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغادا خىمىيىلىك قورال ئىشلىتىپ، پۇقرالارنى زەھەرلەندۈردى.

  بۇ يىل 7-يانۋاردىن باشلاپ سۈرىيەدىكى خىمىيىلىك قوراللار خام ئەشيالىرى كەينى-كەينىدىن چېگرا سىرتىغا ئېلىپ بېرىلىپ كۆيدۈرۈلدى. سۇرىيە ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ 27-كۈنىدىن بۇرۇن بارلىق خىمىيىلىك قوراللارنى تاپشۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پىلانىغا ئاساسەن، بۇ يىل 30-ئىيۇندىن بۇرۇن كۆيدۈرۈش خىزمىتىنى تاماملاش كېرەك. گەرچە بۇندىن بۇرۇن يۆتكەش خىزمىتىنىڭ مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىر چەتئەللەر سۈرىيەنىڭ خىمىيىلىك قوراللىرىنى كۆيدۈرۈش مۇساپىسىگە ئومۇمەن ئۈمىدۋار پوزىتسىيە تۇتماقتا. مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى سۈرىيەنىڭ خىمىيىلىك قوراللىرىنى سىرتقا يۆتكەپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بىر ئەمەلدار مۇنداق دېدى: ھازىرقى خىزمەتنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولماقتا. خىمىيىلىك قوراللارنى مەنئىي قىلىش تەشكىلاتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى كاگگى 5-ئاپرېل مۇنداق دېدى: سۈرىيەنىڭ خىمىيىلىك قوراللىرىنىڭ %53.6ى كۆيدۈرۈلدى، بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن كۆيدۈرۈش خىزمىتى پۈتۈنلەي ئاياغلىشىشى مۇمكىن.

  لېكىن سۈرىيەنىڭ خىمىيىلىك قوراللىرىنى يۆتكەش ۋە كۆيدۈرۈش خىزمىتى يەنىلا ناھايىتى زور خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. ئەڭ ئاساسلىقى ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا. بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: خىمىيىلىك قوراللارنى يۆتكەشتە ھەر بىر ھالقىدا مەسىلە چىقماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم بولماسلىقى يۆتكەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھۆكۈمەت ئارمىيەسى غەربى قىسىمدىكى مۇھىم بازار لەنكۇسنى قايتۇرۇۋېلىپ، غەربى سۇرىيە ۋە لىۋان چېگراسىنى، بولۇپمۇ دەمەشق بىلەن ھومۇس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىدىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ھايات لىنىيەسىنى كونترول قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. خىمىيىلىك قوراللارنى توشۇشتا يول بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ئەمەلىيەتتە خىمىيىلىك قوراللار ۋەقەسى كۆيدۈرۈش خىزمىتىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئاياغلاشمايدۇ. خىمىيىلىك قوراللار ھۇجۇمىغا ئالاقىدار خەۋەرلەر توختىماي تارقالماقتا. بۇ يىل 2-ئايدا ئۆكتىچىلەر ھۆكۈمەت ئارمىيەسى دەمەشىقنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى دالاياغا خىمىيىلىك قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلدى دەپ ئەيىبلىدى. يېقىندا بىر ئامېرىكا مۇخبىرى بىر مەخپىي ھۆججەتنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى 21-ئاۋغۇستتىكى خىمىيىلىك قوراللار ۋەقەسىنىڭ كەينىدىكى قاتىل تۈركىيە. چۈنكى شۇ چاغدا سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئۇرۇش مەيدانىدا ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، تۈركىيە قوللايدىغان سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر خەتەرلىك ئەھۋالدا قالدى، شۇڭا تۈركىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئارىلىشىشى ئارقىلىق ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلدى. بۇ ھەقتە ھۆكۈمەتكە سادىق سۇرىيە «ۋەتەن گېزىتى»دە مۇنداق دەپ قارالدى: تۈركىيە ھۆكۈمىتى سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنى قوللايدۇ ھەمدە سۇرىيە ۋەزىيىتىدىكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدا ئېلىشنى ئويلايدۇ، بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر