- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگونىڭ كان كارخانىلىرى چەتئەلگە چېتىشلىق ئەڭ چوڭ سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
2014.04.15 17:17 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو 5 كان گۇروھى شىركىتى قارمىقىدىكى 5 كان بايلىق چەكلىك شىركىتى 14-ئاپرىل گوشىن خەلقئارا مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى، جوڭشىن مېتاللار چەكلىك شىركىتىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە گەۋدە جيانېڭكې بىلەن پىرۇنىڭ لاسىباڭباسى مىس كېنى تۈرىنىڭ پاي ھوقۇقىنى سېتىۋېلىش كېلىشىمى پۈتۈشكەنلىكىنى، سودا سوممىسىنىڭ 5 مىليارد 850 مىليون دوللار بولغانلىقىنى، يۇقىرىقى 3 تەرەپنىڭ بىرلەشمە گەۋدە ئىچىدە پاينىڭ ئايرىم ھالدا %62.5، %22.5 ۋە %15 تىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ دۆلىتىمىز مېتال كانچىلىقى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ سېتىۋېلىش بولۇپ قالدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر