باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەيۋەن مۇستەقىللىقى كۈچلىرىنىڭ تارىخنى كەينىگە ياندۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ

2014.04.18 08:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى 16-ئاپرېل قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. باياناتچى فەن لىچىڭ تەيۋەن تەرەپنىڭ ئىككى قىرغاق كېلىشىمىنى نازارەت قىلىشنى قانۇن-تۈزۈملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنىڭ ئىككى قىرغاقنىڭ كەلگۈسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىش-كۆرسىتەلمەسلىكى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: تەيۋەن مۇستەقىللىقى كۈچلىرى ئىككى قىرغاق كېلىشىمىنى نازارەت قىلىش نامى بىلەن، ئىككى دۆلەت نەزەرىيەسى ۋە بىر تەرەپ بىر دۆلەت دەيدىغان تەيۋەن مۇستەقىللىقى تەشەببۇسىنى قانۇن ماددىسىغا كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئىككى قىرغاق كېلىشىمى ۋە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇنماقتا.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرۇش مەيدانىمىز قەتئىي ئۆزگەرمەيدۇ. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار تەيۋەن مۇستەقىللىقى كۈچلىرىنىڭ ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن تارىخ چاقىنى كەينىگە ياندۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدىغان كونا يولغا قايتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر