باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشتە ئىجابىي يولىنى جارى قىلدۇرىدۇ

2014.04.18 08:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 15-ئاپرېلدىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، جۇڭگو چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاستا-ئاستا پەسەيتىشكە تۈرتكە بولۇشتا داۋاملىق ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ دېدى.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى يېڭىدىن جىددىيلىشىپ، خېلى سەزگۈرلىشىپ ۋە ئاجىزلىشىپ قالدى. يېرىم ئارال ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى مۇۋاپىق ئىلگىرى سۈرۈش-ھەر قايسى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن شۇنداقلا بۇ رايون خەلقىنىڭ ئارزۇسى. مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولغان جۇڭگو ئوبيېكتىپ، لىللا مەيداندا چىڭ تۇرۇپ كەلدى، بىز ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىش ئېھتىمالى بولغان ھەر قانداق قىلمىشقا قارشى تۇرىمىز، بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر شۇنداقلا تەھدىت سالىدىغان يادرو سىنىقىنى قۇۋۋەتلىمەيمىز. سۆزلىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز. بىز ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئومۇملۇقنى كۆزدە تۇتۇپ، جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، بۇنىڭغا بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر