باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەر ساھە ئەربابلىرى بوشاشماي پاكىز تور بوشلۇقى بەرپا قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى

2014.04.18 08:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك «سېرىق مەرەزلەرنى تازىلاش، قانۇنسىز نەشىر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش» ئىشخانىسى بىلەن دۆلەتنىڭ بىر قانچە تارمىقى بىرلىشىپ يولغا قويغان «سېرىق مەرەزلەرنى تازىلاش، قانۇنسىز نەشىر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش تورنى تازىلاش» مەخسۇس ھەرىكىتى جايلاردا كەينى كەينىدىن قانات يايدۇرۇلماقتا. توردىكى شەھۋانىي ۋە چاكىنا ئۇچۇرلارغا قاتتىق زەربە بېرىش مەقسەت قىلىنغان بۇ پائالىيەت جەمئىيەتتە ھەر ساھەنىڭ كەڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. كۆپچىلىك بۇنى ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوغداش، تور مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى نۇرلاندۇرۇش، جەمئىيەتتە ئالغا ئىلگىرلەيدىغان، سەمىمىي، ياخشى كەيپىيات يارىتىشقا يېتەكلەشنىڭ زۆرۈر تەدبىرى دەپ ھېسابلىدى. ھەر ساھە ئەربابلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتۈن جەمئىيەت پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ياخشى ساغلام، ساپ تور بوشلۇقى يارىتىش ھەمدە جەمئىيەتتە ياخشى كەيپىيات يارىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىشى كېرەك. ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، ئېلىمىزدە 600 مىليوندىن كۆپرەك تورداش بار ئىكەن، ياش ئۆسمۈرلەر توردىن پايدىلىنىدىغان ئاساسلىق كۈچ. بىخەتەر، تەرتىپلىك، ساغلام تور بوشلۇقى بىزنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش، ئۆگىنىشىمىز ۋە ياشلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر