باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئالتە تەدبىرىدە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار مەسىلىسىگە پۇل مۇئامىلە جەھەتتە مۇلازىمەت قىلىش كۈچەيتىلدى

2014.04.18 08:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  16-ئاپرېل ئېچىلغان دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلارنىڭ تەرەققىياتىغا پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن مۇلازىمەت قىلىش ھەققىدە ئالتە تەدبىر بېكىتىلدى. تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ يېڭى تەدبىرلەردە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلارنىڭ تەرەققىياتىغا پۇل مۇئامىلە جەھەتتە مەدەت بېرىش جەھەتتە دائىرىنى كېڭەيتىپ، كەمچىلىكلەرنى تولۇقلاپ، يېزا پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلارنىڭ تەرەققىياتىنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتە قوللاش كۈچەيتىلىدۇ.

  بانكا نازارەتچىلىك جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆپ خىل ئامىلنىڭ تەسىرىدە، يېزا ئىگىلىكى پۇل مۇئامىلىسى يەنىلا پۈتكۈل پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدىكى ئەڭ ئاجىز ھالقا بولۇپ قالدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا يېزا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى بېيىتىش كېرەك دەپ بېكىتىلدى. يېزا ئىناۋەت كوپىراتىپلىرى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى تۈرگەن ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت بازارلىق بانكىلارنى يېتىلدۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۇقراۋى كاپىتالنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى كەسىپ سېلىنما مەبلىغىنى ئورنىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى بىرلەشتۈرۈلۈپ زورايتىلىدۇ. مەركىزىي مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتى پۇل مۇئامىلە ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى گو تيەنيۇڭ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىلگىرى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلارغا پۇل مۇئامىلە جەھەتتە مۇلازىمەت قىلىشتا بانكا سىستېمىسىدا ئويلىشىش بىر قەدەر كۆپ بولغان، ئەل ئىچى مەبلەغ كۈچىنى قويۇپ بېرىش يېتەرسىز بولغان ئىدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا پۇقراۋى كاپىتالنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئايدىڭلاشتۇرۇپلا قالماستىن، يېزا ئىگىلىكى كەسىپ سېلىنما فوند قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلدى، سۇغۇرتىنىڭ رولى كۈچەيتىلدى، قېلىپى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئىلگىرىكىدىن زورايتىلدى، بانكا، ئاكسىيە، سۇغۇرتا قاتارلىق كۆپ خىل پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر