- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


پۇتىن ئامېرىكىنىڭ تەسىرىنى زورايتىپ، ئۇكرائىنادىكى زوراۋانلىق قانلىق ۋەقەنى توسۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى
2014.04.15 17:02 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاپرىل موسكۋادىن بەرگەن خەۋىرى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 14-چېسلا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن تېلېفونلاشقاندا مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۆز ئىقتىدارىدىن ئىمكانقەدەر پايدىلىنىپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى زوراۋانلىق ۋە قانلىق ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.
رۇسىيە زۇڭتۇڭ ئاخبارات ئىدارىسى ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: پۇتىن 14-چېسلا كېچىدە ئوباما بىلەن تېلېفونلاشقاندا مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە جايلاشقان دونېچىك، لۇخانسىك، خاركوف ۋە سىلاۋىيانىسكى قاتارلىق شەھەرلەردىكى قارشىلىق كۆرسىتىش پائالىيەتلىرى ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ رۇس تىلىدا سۆزلىشىدىغان يەرلىك ئاممىنىڭ ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى ۋە ئىقتىدارسىزلىقىنىڭ نەتىجىسى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر