باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش قەدىمى تېز ھەم پۇختا بېسىلدى

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

2014.04.15 13:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىر كۆپچىلىك ئەڭ كۆپ تىلغا ئالىدىغان مەسىلە ئىسلاھات، تۈرلۈك ئىشلىرىمىزدا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقىنىمۇ ئىسلاھات. يېقىندا ئېلان قىلىنغان ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ <ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى>نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش پىكرى››دە ھەر مىللەت خەلقىگە ئۇلۇغۋار ئىسلاھات پىلانى كۆرسىتىپ بېرىلدى. 11 – ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ماقۇللانغان ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 2014 – يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى›› ۋە ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر زور تەدبىرلىرى بويىچە ئىش تەقسىمات لايىھەسى›› يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى.

  بۇ يىللىق ئىسلاھات خىزمىتىنىڭ سەككىز مۇھىم نۇقتىسى 15 قېتىم ئۆزگەرتىلدى، 50 نەچچە نۇقتىلىق ئورۇن بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى ھەم خىزمەتلەر 11 قېتىم جىپسىلاشتۇرۇلدى، تەرەپلەرنىڭ 100دىن ئارتۇق تەكلىپ – پىكرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار يىغىنىدا بۇ يىللىق ئىسلاھاتتا يەتتە جەھەتتە كۈچەپ نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىشنىڭ كونكرېت ۋەزىپىلىرى ئاساسىدا، ئىسلاھاتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يەتتە جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنىڭ ھەرىكەت نىشانى كۆرسىتىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان تۇنجى يىلى ياخشى باشلىنىشقا ئىگە قىلىندى. ئىسلاھات خىزمىتىنىڭ ئاۋامغا ئەڭ چېتىشلىق بولغان سەككىز مۇھىم نۇقتىسىدا ‹‹ھەقىقىي ئىسلاھ قىلىش، ھەقىقىي ئىشلەش، ھەقىقىي ئۈنۈم يارىتىش›› پىرىنسىپى نامايان قىلىندى، ئىش تەقسىماتى لايىھەسىنىڭ تېز بېكىتىلىشىدە ‹‹ئىشلەش، ھەرىكەتكە كېلىش، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىش›› تەلىپى تېخىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 1 – ۋە 2 – يىغىنلىرىدا، قەدەمنى تېز ھەم پۇختا بېسىش تەكىتلەندى. ‹‹ئىشلەش، ھەرىكەتكە كېلىش، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىش›› ۋە ‹‹ھەقىقىي ئىسلاھ قىلىش، ھەقىقىي ئىشلەش، ھەقىقىي ئۈنۈم يارىتىش›› تېز ھەم پۇختا قەدەمنىڭ كونكرېت ئىپادىسى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدىكى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، توغرا، ئەمەلىي ئورۇنلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىش تەقسىماتى لايىھەسىنى تۈزۈش قەدىمىمۇ تېز ھەم پۇختا بولدى. بۇ لايىھە يولغا قويۇش پىكرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىسىنىڭ تۈر ئىزاھات مەسئۇلىيەتنامىسى بولۇپ، تۈزۈلگىنىگە ئىككى ئاي بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىسلاھات ئىشخانىسى يولغا قويۇش پىكرى بويىچە بىرمۇ بىر پارچىلاپ، تەقسىملەپ، كۆپەيتىش، تولۇقلاش مەزمۇنىنى قوبۇل قىلىپ، پىرىنسىپ جەھەتتىن بىر تۈرنى بىر باشلامچى ئورۇنغا تەقسىملەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈردى؛ ھەم مەركەزنىڭ ئىش تەقسىماتى لايىھەسى ئاساسىي نۇسخا قىلىنىپ، ھەم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەمەلىي ئەھۋالى تولۇق كۆزدە تۇتۇلۇپ، ھەر بىر ۋەزىپىدە تولۇق كېڭىشىپ ئورتاق قاراش قولغا كەلتۈرۈلدى... نەتىجىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ۋاقىت ھالقىشچانلىقى چوڭ، ۋەزىپىسى كۆپ، چېتىلىدىغان ئورۇنلار كەڭ، قاپلاش دەرىجىسى زور بولغان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ئوخشىمىغان ئورۇنلارغا ئىنچىكە تەقسىم قىلىپ بېرىلدى، بۇ ئىش تەقسىماتى لايىھەسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2020 – يىلىغىچە بولغان ئىسلاھات پىلانىنى تېخىمۇ روشەنلىككە ئىگە قىلدى.

  ئىشلار بىر ئۈلۈش ئورۇنلاشتۇرۇش، توققۇز ئۈلۈش ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدا، مۇھىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. بۇ يىللىق ئىسلاھات خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە ئىش تەقسىماتى لايىھەسىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مەركەزنىڭ ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتى بىرلەشتۈرۈلگەن ئومۇمىي تەلىپىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، كونكرېت لايىھە تۈزۈپ، كونكرېت تەدبىر بەلگىلەپ، ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىللىق بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھاتنى تېز ھەم پۇختا قەدەملەر بىلەن ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ياخشى باشلىغانلىقى تولۇق نامايان قىلىندى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر