باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ تۆمۈريول ئىدارىسى: بېكەت بېلىتى سېتىشنى توختىتىش ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى، ئۇنى ئۇزاققىچە ئىجرا قىلىمىز

2014.04.15 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: يېقىندا بېيجىڭ تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ بېكەت بېلىتى سېتىشنى توختىتىشنى قارار قىلغانلىقى جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. بېيجىڭ تۆمۈريول ئىدارىسى ئالاقىدار تارمىقىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېكەت بېلىتى سېتىشنى توختىتىش تۆمۈريول باش شىركىتىنىڭ تەڭشەش قارارى، بىر تەرەپتىن، بېكەت بېلىتىنى بىكار قىلىشتا بىخەتەرلىك نەزەردە تۇتۇلغان، بولۇپمۇ يولۇچىلارنىڭ بېكەتتىكى بىخەتەرلىكى ۋە پويىز ساقلاش-پويىزغا چىقىش تەرتىپى كۆزدە تۇتۇلغان. يەنە بىر تەرەپتىن، يولۇچى مىقدارىنى تېخىمۇ ياخشى تىزگىنلەش، بىر قىسىم يولۇچىلارنىڭ بېكەت بېلىتى بىلەن پويىزغا چىقىۋېلىپ، ئاندىن بېلەت تولۇقلاپ ئېلىپ، پويىزدىكى يولۇچى سانىنى ئاشۇرۇۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۆزدە تۇتۇلغان.

  بېكەت بېلىتىنى بىكار قىلىش ئالاھىدە مەزگىلدە ۋاقىتلىق تەدبىرمۇ ياكى ئۇزاققىچە ئىجرا قىلىنامدۇ؟ بېيجىڭ تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: بۇ قارار ئۇزاققىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. ھەقىقىي ئىسىم بىلەن بېلەت سېتىۋېلىش يولغا قويۇلغان، نۆۋەتچى پويىز كۆپەيتىلگەن، يولۇچى مىقدارى ئاشقان ئەمەلىي ئەھۋالدا بېكەت بېلىتى سېتىشقا چەك قويۇش ياكى ئۇنى بىكار قىلىش ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى ھېسابلىنىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر