خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 14-ئاپرىلدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى فېدېراتسىيەلىشىشنى قوللىغۇچىلار كېيف ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتۇمىغا ئىنكاس قايتۇرمىدى، نامايىشچىلارنىڭ ئۇلتىماتۇمدا 14-چېسلا ئەتىگەن سائەت 9دىن بۇرۇن، ئىگىلىۋالغان مەمۇرىيەت بىناسىدىن ئايرىلىشى تەلەپ قىلىندى.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 14-چېسلا سەھەرگە قەدەر، سىلاۋىيانىسكىدىكى نامايىشچىلار شەھەر ئىچىگە ۋە تارماق ساقچى ئىدارىلىرىگە بارىدىغان كوچىلاردىكى توسۇقلارنى كۈچەيتكەن. 14-چېسلا دۈشەنبە بولسىمۇ، ھېچكىم قايتىپ كەتمىگەن، ئەكسىچە مەمۇرىيەت بىناسىغا داۋاملىق يېقىنلاشقان.
بىر نامايىشچى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى:«بىز كېيف ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە پەرۋا قىلمايمىز، بەلكى بۇ تەلەپنى ئىغۋاگەرچىلىك دەپ قارايمىز.» (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى