باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭى ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى›› ھەققىدە يەشمە(6)

2014.04.15 13:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىستېمالچىلارنىڭ دەلىل–ئىسپات كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى

  لى چۈنشيا

  ئارقا كۆرۈنۈش

  ئىستېمالچىلارنىڭ رېئال تۇرمۇشتا ھوقۇقىنى قوغدىشى قىيىن بولۇش تۆۋەندىكى تۆت جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ، بىرىنچى، ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋالغان تاۋارنى قايتۇرۇشى، تۆلەم ئېلىشى قىيىن بولۇش، بەزى تىجارەتچىلەر تېخى سۆزىدىن تىنىۋېلىپ، تاۋارنى ئالماشتۇرۇپ بەرمەيدۇ، قايتۇرۇۋالمايدۇ، تۆلەممۇ بەرمەيدۇ. ئىككىنچى، ئەرز – شىكايەت قىلغاندا دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش قىيىن بولۇش، سودىلىشىش جەريانىدا ئىستېمالچىلار پاسسىپ ئەھۋالدا تۇرىدۇ، شۇڭا، ئىستېمالچىلارنىڭ تىجارەتچى، ئىشلەپچىقارغۇچىنىڭ خاتالىقى ھەققىدە دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىشى بەكلا قىيىنغا توختايدۇ. ئۈچىنچى، ھوقۇقىنى قوغداش تەننەرخى يۇقىرى بولۇش، بولۇپمۇ ئاپتوموبىللارنى باھالاش قىيىن، باھالاش باھاسى يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىستېمالچى ئالدىن پۇل تاپشۇرىدۇ. تۆتىنچى، ھوقۇقنى قوغداش ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇش، نۇرغۇن ئىستېمالچى بۇنىڭغا زېھنىنى خورىتىشنى خالىماي ھوقۇقىنى قوغداشتىن ۋاز كېچىدۇ.

  دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش ۋە ھوقۇقنى قوغداش قىيىن بولغاچقا، قىسمەن ئىستېمالچىلار ھوقۇقىنى قوغداشتىن ۋاز كېچىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، نۇرغۇن تىجارەتچى، ئىشلەپچىقارغۇچىنىڭ ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشى توختىماستىن، ئەكسىچە بارغانسېرى ئاۋۇپ كېتىۋاتىدۇ. ئىستېمالچىلارنىڭ دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتىكى يۈكىنى قانداق يەڭگىللىتىش ئىستېمال ماجىراسىدا تېزدىن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىدۇر.

  يارقىن نۇقتا

  يېڭى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››نىڭ 23 – ماددىسى 3 – تارمىقىدا مۇنداق بەلگىلەندى: ئىستېمالچىلار سېتىۋالغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى، كومپيۇتېر، تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچ، كىرئالغۇ قاتارلىق چىداملىق تاۋارلاردا ياكى قوبۇل قىلغان بېزەش، زىننەتلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەردە ئالتە ئايغىچە (تاۋار سېتىۋالغان ياكى مۇلازىمەت قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلىنىدۇ) نۇقسان كۆرۈلۈپ، تالاش – تارتىش يۈز بەرسە، تىجارەتچىلەر نۇقسانغا ئائىت دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  دېلو مىسالى

  ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ۋاڭ خانىم بۇ يىل 2 – ئايدا مەلۇم سودا سارىيىنىڭ ئېتىبارلىق سېتىش پائالىيىتىدە كىرئالغۇ سېتىۋالىدۇ، كىرئالغۇنى ئىككى ئاي ئىشلەتكەندىن كېيىن، كىر يۇيغاندا غاژ – غۇژ ئاۋاز چىقىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ۋاڭ خانىم تىجارەتچى بىلەن ئالاقىلەشكەن بولسىمۇ، ئۇلار، ئىستىمالچى توغرا مەشغۇلات قىلمىغاچقا، مۇشۇنداق ئاۋاز چىقىدىغان بولۇپ قالغان، دەپ تۇرۇۋالىدۇ ھەم ئىستېمالچىدىن مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ئىسپاتى ئېلىپ كېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. سۈپىتىنى تەكشۈرتۈش ئاۋارىچىلىك ھەم قىممەت بولغاچقا، ۋاڭ خانىم ئاخىرىدا ھوقۇقىنى قوغداشتىن ۋاز كېچىدۇ.

  يەشمە

  شىنجاڭ ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ئىستېمال ھوقۇقىنى قوغداش ئادۋوكاتلار ئۆمىكىنىڭ باشلىقى لى شىننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنىڭ يۆتكىلىشى يېڭى ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››دىكى يارقىن نۇقتىلارنىڭ بىرى ئىكەن. ‹‹كىم ئەرز – شىكايەت قىلسا، شۇ دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش›› ئادەتتىكى ھەق – تەلەپ دەۋاسىدا دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى، يەنى دەۋاگەرنىڭ قانۇنىي دەۋاسى قوبۇل قىلىنسا، دەۋاگەر دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىدۇ. لېكىن، ئالاھىدە ئەھۋالدا دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى يۆتكەش يولغا قويۇلىدۇ، يەنى، جاۋابكار ئۆزىدە سەۋەنلىك يوقلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىدۇ، ئۇنداق قىلمىسا، قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، مانا بۇ دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى يۆتكەشتۇر. لى شىن مۇنداق دېدى: يېڭى ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››دا دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى يۆتكەش بەلگىلەنگەندىن كېيىن، ئىستېمالچىلارنىڭ يۈكى يەڭگىللەپ، ھوقۇقىنى قوغداش تەننەرخى ئازايدى، ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە تىجارەتچىنىڭ دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتى كۈچەيدى، بۇ بەلگىلىمە ئىستېمال ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

  قىسمەن ئىستېمالچىلار دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى يۆتكەشتىن گۇمانلىنىپ، ‹‹پاكلىقىنى ئۆزى ئىسپاتلاش›› بەلگىلىمىسى تىجارەتچىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىلىقمۇ – قانداق؟ دەپ قارىدى. لى شىن مۇنداق دېدى: دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى يۆتكەشنىڭ ئادىل، ھەققانىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىستېمال ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى باھالاش سالاھىيىتىگە ئىگە ئاپپاراتلارنى بېكىتىپ بېرىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، يېڭى ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››دا بەلگىلەنگەن دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى يۆتكەش تېخى قانۇن ئىجرا قىلىش ئەمەلىيىتىدىن تولۇق ئۆتمىدى، مەسىلەن، ئاپتوموبىل سۈپىتى توغرىسىدىكى ماجىرا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈشتە ھەقنى تۆلەپ قويۇشقا قانداق بۇيرۇش قاتارلىقلار ئەمەلىيەت جەريانىدا تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ ۋە مۇكەممەللىشىدۇ.

  لى شىن ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى يۆتكەشنىڭ بېكىتىلگەنلىكى ئىستېمالچىلارنىڭ دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتىنىڭ يوقلۇقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئىستېمالچىلار يەنىلا تاۋار سېتىۋالغانلىقى ياكى مۇلازىمەت قوبۇل قىلغانلىقى، تاۋارنى ئىشلىتىش جەريانىدا خاتا مەشغۇلات قىلمىغانلىقى توغرىسىدا دەلىل ئىسپات كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، يېڭى ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››دىكى دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى يۆتكەش پىرىنسىپى 23 – ماددىدا بېكىتىلگەن چىداملىق تاۋار ياكى مۇلازىمەتلەرگىلا تەتبىقلىنىدۇ ھەم تاۋار سېتىۋالغان ياكى مۇلازىمەت قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئايغىچە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. يۇقىرىدا ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن باشقا ئەھۋاللارغا يەنىلا ‹‹كىم ئەرز قىلسا، شۇ دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش››تەك دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش پىرىنسىپى تەتبىقلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر