باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا تېجەشلىك بولۇش ئارقىلىق، ئىجتىمائىي ئىستېمال مەدەنىيلىكىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك

2014.04.15 10:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ‹‹تېجەشلىك بولۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر››نى تارقاتتى ھەم جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ‹‹پىكىر››دە، ھۆكۈمەت پائالىيىتىدىكى يېمەك – ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا تېجەشلىك ھەم مەدەنىي غىزالىنىش ئارقىلىق، ئىجتىمائىي ئىستېمال مەدەنىيلىكىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئېنىق تەكىتلەنگەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇنىڭدا مەسىلىنىڭ ماھىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئۇسۇل ۋە يۆنىلىش توغرا بولۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى تېپىپ چىقىلغان.

  ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىشتىكى ناتوغرا كەيپىيات ئەۋج ئېلىپ، كۈتۈۋالغۇچىلارلا ئەمەس، كۈتۈۋېلىنغۇچىلارمۇ توسۇمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ھالغا يەتتى. شۇڭا، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا تېجەشلىك ھەم مەدەنىي غىزالىنىشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. ئېلىمزدە نوپۇس كۆپ، سۇ، تۇپراق بايلىقى قىس، ئاشلىق يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ھېلىھەم ئېغىر. يېمەك – ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇشى دۆلەتنىڭ بۇ ئاساسىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلمىگەچكە، ئاممىنىڭ پىكرى كۈچلۈك بولماقتا. ‹‹پىكىر››دە كۆرسىتىلگەن ھەشەمەتچىلىك، سۆلەتۋازلىقتا بەسلىشىش ۋە يۈز – ئابرۇي قوغلىشىش قاتارلىق ناتوغرا كەيپىياتلار، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەل بولماسلىق، يۇقىرىدىكىلەر قانداق قىلسا، تۆۋەندىكىلەرمۇ دوراپ شۇنداق قىلىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر بولۇشى بۇ مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئاساسلىق سەۋەب بولغان. ھەممىگە ئايانكى، بوسۇغىسى داۋان، قاپىقى يامان، ھالى يوغان، ئىشى بىراۋان بولۇشتەك يامۇل ئىستىلى يىغىن، كۇرس ئېچىش قاتارلىق ناملار بىلەن زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇپ، چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىشنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا تېجەشلىك بولۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشنى چوقۇم ھۆكۈمەت پائالىيىتىدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ، ‹‹پارتكوم، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تېجەشلىك بولۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى››، ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى››دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىش، يىغىن، كۇرس ئېچىش قاتارلىق ھۆكۈمەت پائالىيىتىدىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا غىزالىنىشنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا تېجەشلىك ھەم مەدەنىي غىزالىنىش ئارقىلىق، ئىجتىمائىي ئىستېمال مەدەنىيلىكىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىش، زىياپەتكە تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىدىكى كونا ئىللەتلەرنى چوقۇم يىلتىزىدىن تۈگىتىش كېرەك.

  ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا تېجەشلىك ھەم مەدەنىي غىزالىنىش ئارقىلىق، ئىجتىمائىي ئىستېمال مەدەنىيلىكىگە يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى تۈزۈمگە تايىنىشتا، غەلىبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇش ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باغلىق. ‹‹پىكىر››دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن – تۈزۈملەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشلىقنى تېجەش، يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. جايلار، تارماقلار ۋە دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلار ‹‹ھۆكۈمەت ئۈچ خىراجىتى›› چىقىمىنى ئاشكارىلىغاندا، تاماق چىقىمىنىمۇ ئاشكارىلىشى كېرەك. رايونلار ھۆكۈمەت پائالىيىتىدىكى تاماق چىقىمى ئۆلچىمىنى بېكىتىشى ۋە قەرەللىك تەڭشەپ تۇرۇشى كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى كەسپىي ئىشلاردا كۈتۈۋېلىش تۈرىنى كارخانا مەسئۇلىنىڭ كەسپىي ئىستېمالىدىكى مۇھىم ئىشى سۈپىتىدە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئاشخانىلىرىدا ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش ۋە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىش كېرەك. جايلار پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاشخانىلىرىدا تېجەشلىك غىزالىنىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاپ، ئېغىر ئىسراپچىلىق قىلمىشلىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىشى كېرەك.

  دۆلەت ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر ئېلىمىزدە يىلىغا نەچچە يۈز مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىسراپ بولىدىكەن. بۇ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا ئېلىمىز بويىچە 1 – ئورۇندا تۇرىدىغان خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى بىر يىلدا ئىشلەپچىقارغان ئاشلىق مىقدارىدىنمۇ كۆپ بولۇپ، 200 مىليون مو مۇنبەت يەردىن چىقىدىغان ئاشلىققا باراۋەر كېلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر