باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹ئۈچنى ھۆددىگە ئېلىش›› مۇتەخەسسىسلىرى بارلىققا كەلدى

2014.04.15 13:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى ئائىلە ئاپتوموبىلىنىڭ ‹‹ئۈچنى ھۆددىگە ئېلىش›› ئۇچۇرى ۋە ئائىلە ئاپتوموبىلىغا ئائىت تالاش – تارتىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە مەسلىھەت بېرىدىغان 97 كىشى(قىسقارتىلىپ ‹‹ئۈچنى ھۆددىگە ئېلىش›› مۇتەخەسسىسى دېيىلىدۇ)گە 26 – مارت خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى.

  مۇناسىۋەتلىك قانۇن – بەلگىلىمىلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى ‹‹ئۈچنى ھۆددىگە ئېلىش›› مۇتەخەسسىسلىرى ئامبىرى قۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ، جەمئىيەت، پەن – تەتقىقات ئورۇنلىرى، تەكشۈرۈپ – ئۆلچەش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملار، ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرى، ئاپتوموبىل سېتىش كارخانىلىرى، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش كارخانىلىرى قاتارلىق ساھە ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىن تەكلىپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللاندى، شەخس ئىلتىماس قىلىش، ئالاقىدار ئىدارە – ئورگانلار كۆرسىتىش ئارقىلىق 400 نەچچە ئىلتىماس قىلغۇچىدىن تۇنجى تۈركۈمدە 97 كىشى ‹‹ئۈچنى ھۆددىگە ئېلىش›› مۇتەخەسسىسلىكىگە تەكلىپ قىلىندى، ئۇلارنىڭ تەكلىپ قىلىنىش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. بۇ مۇتەخەسسىسلەر ئاساسلىقى ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىگە ئالاقىدار ماجىرالاردا تېخنىكا جەھەتتىن مەسلىھەت ۋە ياردەم بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر