باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىزاڭ 7 مىليارت يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ خەلققە ئون ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرمەكچى بولدى

2014.04.15 09:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى 2020-يىلىغىچە بولغان ئىككى يېقىنلاشتۇرۇش يەنى دېھقان چارۋىچىلارنىڭ كىرىمى ۋە ئاساسىي ئاممىۋىي مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتۇرۇش نىشانىغا ئاساسەن، 2014-يىللىق مالىيەدىن 7 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، شەھەر يېزىلاردىكى ئاھالىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىم كونترول قىلىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش كاپالىتى، مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، نامراتلارنى يۆلەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئازايتىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئون ئەمەلىي ئىشنى تىرىشىپ ياخشى قىلماقچى بولغان.

  ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى 560 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، خەلق تۇرمۇشى سىياسىتى كۆرسەتكۈچىدىكى ئون تۈرگە ئىشلەتكەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايون چەكلىك مالىيە كۈچىنى تۆۋەن كاپالەت ئائىلىلەر، بەشتە كاپالەتلىك ئائىلىلىرى قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئالدى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئىشلەتكەن. ئاساسىي قاتلامنىڭ مائارىپ، داۋالاش، سەھىيە، كۈتۈنۈش قاتارلىق ئاساسىي ئاممىۋىي مۇلازىمەت ساھەسىگە قاراتقان، بۇ ئادىل، باراۋەر بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت يېڭى تەپەككۇرىنى تولۇق نامايان قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر