باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭ ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

2014.04.11 08:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ 9-ئاپرېل خەلق سارىيىدا ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى پىرىز بىلەن كۆرۈشتى. جاڭ دېجياڭ پىرىزنىڭ جۇڭگو بىلەن ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىگە تۇرتكە بولۇشتا قوشقا تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو باشتىن ئاخىرى تىنچ تەرەققىي قىلىشدا چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە، تالاش تارتىشلارنى تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ھەقىقى تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنى بەخت سادەتكە ئېرىشتۈرۈشنى چىن كۆڭلىدىن ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىسرائىلىيە پارلامېنتى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان كەڭ دائىرلىك ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭىدىن تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  پىرىز مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىياتى ئىنسانىيەت تارىخىدا بۈگۈنكىچە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ نەتىجە، ئىسرائىلىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەينەك قىلىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىسرائىلىيە پەلەستىن تىنچلىق سۆھبىتىگە تىرىشىپ تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر