باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن رۇسىيەنىڭ يىللىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش دۆلەت پىلانىنى تەستىقلىدى، پىلاندا تۇرالغۇ ۋە مائارىپ مۇھىم نۇقتا قىلىندى

2014.04.14 17:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو ئاۋازى «يەر شارى خەنزۇچە رادىيو تورى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە ياۋرو-ئامېرىكا بىلەن ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىلىق تىركىشىۋاتقان مەزگىلدە، 4-ئاينىڭ 11-كۈنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 2013-يىللىق شەخسىي مال-مۈلۈك مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى.

  كىرېمل سارىيى 11-چېسلا ئېلان قىلغان ئەمەلدارلارنىڭ مال-مۈلۈك مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، پۇتىننىڭ 2013-يىللىق كىرىمى 3 مىليون 700 مىڭ رۇبلى (تەخمىنەن 640 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) ئىكەن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە دۆلەت ئىچىدە ئىشلەنگەن 3 ماشىنىسى، 77 كۋادرات مېتىرلىق بىر ئۆيى، بىر ماشىنا ئۆيى ۋە بىر پارچە يېرى بار ئىكەن.

  بۇ سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، پۇتىن كىرېمل سارىيىدىكى ئەڭ نامرات ئەمەلدارلارنىڭ بىرى ئىكەن، چۈنكى باشقا ئەمەلدارلار ئېسىل ماشىنىسى، ياۋروپادا نەچچە يۈرۈش ئۆيى بارلىقىنى مەلۇم قىپتۇ.

  باشقىلارنىڭ تېخىمۇ دىققىتىنى قوزغىغىنى شۇ بولدىكى، يەر شارىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامامۇ ئۆزىنىڭ كىرىم ئەھۋالىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى بىلەن پەرقى چوڭ چىققان. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بۇ كۈنى يەنە 2014~2015-يىللىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش پىلانىنى تەستىقلىغان. نېمە ئۈچۈن كىرىمنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنلا بۇ پىلاننى ئوتتۇرىغا قويىدۇ؟ بۇنىڭ چوڭقۇر مەنىسى بار. بۇ پىلاندىكى تۇرالغۇ ئۆي ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسى قىزىق نۇقتا ئىكەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر