باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا بايقالغان مول سېلىنلىق تۇپراق كۆلىمى 1000 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ

2014.04.14 15:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 13 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. شىنجاڭ گېئولوگىيە – قېزىلما بايلىقى تارماقلىرى ئۈچ يىل گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي يانباغرىدا 1000 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان مول سېلىنلىق تۇپراق بايلىقىنى بايقىدى، بۇ بايقاش يەرلىكنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى زور تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە قىلدى.

  شىنجاڭ گېئولوگىيە – قېزىلما بايلىقلىرى ئىدارىسى 1 – گىدرولوگىيە قۇرۇلۇشى گېئولوگىيە چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى دۇ كەينىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، 2011 – يىلى دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ جۇڭگو گېئولوگىيە ئىدارىسى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي يانباغرىغا جايلاشقان قۇتۇبى – ساۋەن رايونىغا كۆپ نىشانلىق رايون گېئوخىمىيەسىنى تەكشۈرۈش تۈرىنى چۈشۈرگەن بولۇپ، شىنجاڭ گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ گېئولوگىيە – قېزىلما بايلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ 1 – گىدرولوگىيە قۇرۇلۇشى گېئولوگىيە چوڭ ئەترىتى تەكشۈرۈشنى ئۈستىگە ئالغان.

  2013 – يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، تۈرنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىدە قۇتۇبى – ساۋەن رايونىدىكى 10 مىڭ 100 كىۋادرات كىلومېتىرلىق تەكشۈرۈش دائىرىسىدە مول سېلىنلىق 1050 كىۋادرات كىلومېتىرلىق تۇپراق تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان، بۇ ئاساسلىقى شىخەنزە شەھىرى ۋە ساۋەن ناھىيەسىنىڭ شىمالىي ئېتىزلىق رايونى، ماناس ناھىيەسىنىڭ شىمالى ۋە قۇتۇبى ناھىيەسنىڭ شىمالىدىكى ئېتىزلىق رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ھەر كىلوگىرام تۇپراق تەركىبىدىكى سېلىننىڭ ئوتتۇرىچە مىقدارى 0.60 مىللىگىرام، مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغاندا تەخمىنەن 8.20 مىللىگىرام كېلىدىكەن، بۇ ئوتتۇرا – يۇقىرى دەرىجىلىك مول سېلىن سەۋىيەسىگە تەۋە ئىكەن.

  تەكشۈرۈش تۈرىدە بۇ مول سېلىنلىق تۇپراق رايونلىرىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىنىش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭمۇ مول سېلىنلىق ئىكەنلىكى بايقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي، ئاپتاپپەرەس، بېدە، غولپىياز، مۇچ، كۆممىقوناق، بەرەڭگى، ئۈزۈم، شوخلا، كۆك پۇرچاق قاتارلىقلار سېلىن بىر قەدەر مول ياخشى مەھسۇلاتلار ئىكەن. مول سېلىنلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرى زور ئىستىقبالغا ئىگە بولۇپ، يەرلىكنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا بىر قەدەر چوڭ تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر