باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توردىكى شەھۋانىي ئۇچۇرلارغا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ

2014.04.14 17:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: توردىكى شەھۋانىي ئۇچۇرلارنىڭ قايتا-قايتا مەنئىي قىلىنسىمۇ تۈگىمەي، قايتا-قايتا زەربە بەرسىمۇ يوقىماي، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىكىي ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈۋاتىدۇ، ئىجتىمائىي كەيپىياتقا ئېغىز بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغاۋاتىدۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلىش سادالىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇۋاتىدۇ. ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ شەھۋانىي ئۇچۇر پەيدا قىلىش ۋە تارقىتىش قىلمىشىغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك «سېرىق مەرەزلەرنى تازىلاش، قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش» خىزمىتى ئىشخانىسى، دۆلەتلىك ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرچىلىق مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 2014-يىلى ئاپرېلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن نويابىرغىچە مەملىكەت تەۋەسىدە توردىكى شەھۋانى ئۇچۇرلارغا زەربە بېرىش «سېرىق مەرەزلەرنى تازىلاش، قانۇنسىز نەشىر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش، 2014-يىللىق تورنى تازىلاش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى بىر تۇتاش قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر