باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل توردىكى ساختا، ناچار تاۋارلارغا زەربە بېرىلىدۇ

2014.04.15 10:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسى يېقىندا «بۇ يىللىق مەملىكەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش ۋە ساختا، ناچار تاۋارلارنى ياساش، سېتىشقا زەربە بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى»نى تارقىتىپ، ساختا، ناچار تاۋارلار ۋە تاۋار ھوقۇقىغا دەخلى قىلىشقا زەربە بېرىدىغان قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى بازار سىستېمىسىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈش، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىشقا كۈچلۈك كاپالەت ھازىرلاش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  مۇھىم نۇقتىلاردا 32 نۇقتىلىق خىزمەت ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇ خىزمەتلەر-ئىنتېر تورىدىن پايدىلىنىپ، ساختا، قانۇنغا خىلاپ ئېلان بېرىش، ساختا، ناچار تاۋارلارنى ياساش، سېتىش، ھوقۇققا دەخلى قىلىپ، ئوغرىلىقچە نەشىر قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارغا زەربە بېرىش؛ ساختا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىغا زەربە بېرىش، سۈپەت تەكشۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش قاتارلىق تۈزەش ھەرىكەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش؛ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى، پاتېنت قانۇنى، ئۇرۇقلۇق قانۇنى، تاۋار ماركا قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامىغا تېزدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈش؛ قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان كارخانا ۋە تىپىك دېلولارنى ئاشكارىلاش؛ پاش قىلىش، ئەرز قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاش قىلىش، ئەرز قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر