باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاساسى قاتلام قانۇنچىلىق خىزمىتىنىڭ سوت مەھكىمىسىدە تۇرۇپ ياراشتۇرۇش شەكلى ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى

2014.04.15 09:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ياراشتۇرۇش ئىشخانىسىدا ئاساسى قاتلام قانۇن خىزمەتچىسى شۆ يۇڭجياڭ بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەنىدى، ئۇ ئاخىرى كۆچۈرۈش ماجىراسى دېلوسىدىكى ئىككى تەرەپنى سوت سىرتىدا ياراشتۇرغانىدى. شۆ يۇڭجياڭ مۇنداق دېدى: ئاساسى قاتلام قانۇنچىلىق خىزمىتىنىڭ سوت مەھكىمىسىدە تۇرۇپ ياراشتۇرۇش شەكلى مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىم. 2013-يىلى شىنجاڭ ئاساسى قاتلام قانۇن خىزمەتچىلىرى جەمئىيىتى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدە مەخسۇس ياراشتۇرۇش ئىشخانىسى تەسس قىلدى، 31 ئاساسى قاتلام قانۇن خىزمەتچىسى نۆۋەت بىلەن ئەرز قىلىپ كەلگەنلەرنىڭ تۈرلۈك دېلولىرىنى ياراشتۇرۇپ كەلدى.

  ئاساسى قاتلام قانۇن خىزمىتىنىڭ سوت مەھكىمىسىدە تۇرۇپ ياراشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشى- شىنجاڭنىڭ ئاساسى قاتلامدىكى زىددىيەت ماجىرالارنى ياراشتۇرۇشنى كۈچەيتىكەنلىكىنىڭ بىر ئىخچام كۆرۈنۈشى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئامما خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى تەكشۈرۈش، مۇرەسسە بىلەن بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك تۈزەش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۈركۈم جەمئىيەت ئىناقلىقى مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغان ھەمدە پەسەيتكەن. 2013-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىجتىمائىي زىددىيەت ماجىرالارنى ياراشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %86.94كە يەتكەن.

  شۆ يۇڭجياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ياراشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ھەرىكەت مېخانىزمى- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇش 2-كوللىگىيىسى ھاۋالە قىلىش ياراشتۇرۇش ئىشخانىسى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن نازارىلىق ئەرزى سۇنغۇچىلارنى ياراشتۇرۇش، ئاساسى قاتلام قانۇن خىزمەت گۇرۇپپىسى دېلونى ئوبدان چۈشەنگەندىن كېيىن ياراشتۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ، ھۆججەتنى دەۋالاشقۇچى تۇرۇشلۇق ئاساسى قاتلام قانۇن مۇلازىمەت ئورنىغا يەتكۈزۈپ، شۇ يەرنىڭ ئاساسى قاتلام قانۇن خىزمەتچىلىرى دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنى ياراشتۇرىدۇ. شۆ يۇڭجياڭ مۇنداق دېدى: بۇنداق قىلىش ياراشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپلا قالماستىن بەلكى سوتچىلارنىڭ ياراشتۇرۇش بېسىمىنى پەسەيتىدۇ. چىقىمنى تېجەپلا قالماستىن يەنە ئاساسى قاتلام قانۇن خىزمىتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر