باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇزۇقلىنىش، سالامەتلىك ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش دوكلاتى» ئېلان قىلىندى

2014.04.15 09:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇقلىنىشىنى ياخشىلاش پىلانىدىكى «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇزۇقلىنىش، سالامەتلىك ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش دوكلاتى» يېقىندا ئېلان قىلىندى. دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، تولۇقلىنىشىنى ياخشىلاش پىلانى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۆتكەن يىلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق سۈپىتى، بەدەن ئېغىرلىقى قاتارلىق نۇرغۇن تۈر كۆرسەتكۈچلىرى مەلۇم دەرىجىدە ئاشقان، غەربى رايوندىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىكى قان ئازلىق نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن. مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى ليۇ لىمىن مۇنداق دېدى: ھازىر ئېلىمىز ھىندىستان بىلەن ئامېرىكىدىن قالسا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىشىنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويغان دۇنيادىكى 3- دۆلەت بولۇپ قالدى. ھازىر مەملىكەت بويىچە ئۈچتىن بىر قىسىم ناھىيەدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىنى ياخشىلاش پىلانى يولغا قويۇلدى، يېزا مەكتەپلىرىدىكى ئوزۇقلۇق تولۇقلىمىسى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار دەسلەپكى 26 مىليوندىن 32 مىليونغا كۆپەيدى.

  ليۇ لىمىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېيىنكى قەدەمدە جايلار يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە مەبلەغ بىخەتەرلىكىنى چىڭ تۇتۇش ئاساسىدا، مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ. شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاشخانىلارنىڭ كۆلىمىنى بېكىتىدۇ، بىخەتەر، ئەمەلىي قوللىنىش، ئورتاق قوللىنىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئۆلچەملەشكەن ئاشخانا، تاماق بىلەن تەمىنلەش مەركىزى ياكى تاماقخانىنى بېكىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر