باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن: ئۇكرائىنا ئىچكى ئۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى، دېدى

2014.04.16 17:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 15-ئاپرېل گېرمانىيە زۇڭلىسى مەركېل بىلەن تېلېفونلاشقاندا مۇنداق دېدى: ۋەزىيەتنىڭ تېز سۈرئەتتە جىددىيلىشىشى ئۇكرائىنانى ئىچكى ئۇرۇش گىردابىغا ئاپىرىپ قويدى.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭ ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ 15-چېسلادىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: پۇتىن مەركېل بىلەن تېلېفونلاشقاندا كىيېۋ دائىرىلىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسىم رايونىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى زورلۇق كۈچ بىلەن باستۇرۇشى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى، ئىككى تەرەپ 17-چېسلا جەنۋەدە ئېچىلىدىغان ئۇكرائىنا مەسىلىسى 4 تەرەپ سۆھبىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، سۆھبەتنىڭ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ تىنچلىق يولىغا كىرىشىدىن ئېنىق سىگنال بېرەلىشىنى ئۈمىد قىلدى. پۇتىن يەنە ئۇكرائىنا ئىقتىسادىنىڭ رۇسىيەدىن ياۋروپاغا تەبىئىي گاز يەتكۈزۈشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىكى مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. (ليۇ يىرەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر