- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
كورىيە بىلەن ياپونىيە ھۆكۈمەتلىرى ئىدارە باشلىقلىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزدى
2014.04.15 09:45 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
كورىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 13-ئاپرېل مۇنۇلارنى جاكارلىدى:كورىيە بىلەن ياپونىيە ھۆكۈمەتلىرى 16-ئاپرېل كورىيەنىڭ سىئولدا ئىدارە باشلىقلىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ،ياپونىيەنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىن ئاياللارنى مەجبۇرىي ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشقا قوبۇل قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.
تارىخشۇناسلارنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا تەخمىنەن 200 مىڭ ئايالنى ياپون ئارمىيىسىنىڭ ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللارنى تولۇقلاشقا مەجبۇرىي تۇتقان. كورىيە ياپونىيىدىن ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققان ئاياللاردىن ئەپۇ سوراش ۋە تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلدى. لېكىن ياپونىيە 1965-يىلى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى نورماللاشقاندىكى كورىيە ياپونىيەنىڭ ئىلتىماس ھوقۇقى كېلىشىمى بويىچە بۇ مەسىلە ھەل قىلىندى،دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر