- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ليۇ خەن قاتارلىقلارنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى داۋاملىق سوتلاندى
2014.04.15 09:12 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۈنۈگۈن ليۇ خەن، ليۇ ۋېي قاتارلىق 36 كىشىنىڭ قارا جەمئىيەت خاراكتېرلىك تەشكىلات قۇرۇش، رەھبەرلىك قىلىش، قاتنىشىش جىنايىتى ھەمدە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى قاتارلىق دېلولىرىغا سوت ئېچىش 11-كۈنىگە قەدەم قويدى. خۇبېي ئۆلكىسى شيەننىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1-سوت كوللېگىيىسى، شيەنئەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى 1-سوت كوللېگىيىسى بۇ دېلولارنى ئاشكارا سوتلىدى.
تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ليۇ خەن قاتارلىق ئون كىشىنىڭ دېلوسىنى سوتلاش داۋامىدا، سوت ۋاڭ يۇڭچېڭنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا ئائىت پاكىتلارنى تەكشۈردى. ئەيىبلىگۈچى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىنىڭ سۆزى، يازما ئىسپات قاتارلىق ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ، جاۋابكار ليۇ خەننىڭ ۋاڭ يۇڭچېڭنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، دېلو سادىر قىلغۇچىلارنىڭ قېچىپ كېتىشى، يوشۇرۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكى ھەمدە ئۇنى مۇكاپاتلىغانلىقى، ئۇنىڭغا مائاش تارقاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىسپاتلىدى. ئەيىبلىگۈچى بىلەن ئاقلىغۇچى يۈزلەشتۈرۈپ ئىسپاتلاش پىكىرى قىلدى.
چۈشتىن كېيىن سوت جاۋابكار تاڭ شيەنبىن، چۇ دېفېڭ، خېڭ لىجۇ، ۋاڭ لېي قاتارلىق كىشىلەرنىڭ شاڭ دۇڭچۈەن، خۇاڭ ۋېيلارغا قەستەن زىيانكەشلىك قىلىش دېلوسىنى تەكشۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر