باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا ئامېرىكا ئامىلىنى ئويلىشىش كېرەك

2014.04.15 09:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە ئاگنتىلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قوشۇنغا ئىگە جۇڭگو ئادەم كۈچى، ھەربىي پاراخوت، ئايروپىلان ۋە مۇداپىئە چىقىمىنىڭ مىقدارى جەھەتتە رەقىبى ياپونىيەدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەمما تەھلىلچىلەر: ئاساسلىق ئاجىز نۇقتا جۇڭگو يەنىلا ئۇرۇش قىلىشتىن قورقىدۇ، دېدى.

  ئاسىيادىكى ئىككى چوڭ دۆلەت داۋاملىق كەسكىنلىشىۋاتقان زېمىن ۋە تارىخ مەسىلىسى تالاش-تارتىشىغا پېتىپ قالدى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاگىل ئالدىنقى ھەپتە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ياپونىيە، جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى ئاشكارىلىدى.

  بېيجىڭ ئالدىنقى ئايدا ھەربىي خامچوتنى ئىككى خانىلىق سان بىلەن كۆپەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما بۇ خىل كۆپەيتىش ئارمىيەنىڭ سان جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى، ئەمما ياپونىيە تېخنىكا ۋە مەشىقلەندۈرۈش جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت كۈنلىكىگە ئىگە بولۇشتىن مۇھىم بايلىققا ئىگە.

  خاگىل ۋاشىنگتوننىڭ توكيونى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بىلەن بولغان سۆھبەتتە بېيجىڭنىڭ ھەربىي كۈچىنى كېڭەيتىشىنى تەنقىدلىدى.

  جۇڭگو: ۋىيتنام ئۇرۇشىدىكى بۇ پېشقەدەم ئەسكەرگە مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ شەرقىدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى جۇڭگو ياپونىيە تالاش-تارىتىشىنىڭ يادروسى، سۆھبەتلىشىشكە بولمايدۇ، جۇڭگو ھەم مۇرەسسەلەشمەيدۇ.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: گەرچە گەپ سۆزلەر قاتتىق بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگونىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ئىستىراتىگىيەچىلەر: قۇراللىق توقۇنۇش مەيلى مەقسەتلىك ياكى تاسادىپ بولسۇن، جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، جۇڭگونىڭ رايون ۋە يەر شارى تەسىرىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۇزاق مۇددەتلىك نىشانىغا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلىدۇ.

  جۇڭگونىڭ تۇنجى ئاۋىئاماتكىسى بولغان لىياۋنىڭ پاراخوتى 18 ئاينىڭ ئالدىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا باشلىدى. خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنى 2-ئايدا نەشىر قىلغان «2014-يىللىق ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى دوكلاتى»دا بارلىق ساھەلەردە جۇڭگو ئارمىيەسى سان جەھەتتە ياپونىيەدىن ئېشىپ كەتتى، دېيىلدى.

  بۇ دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ئۆتكەن يىلى جۇڭگونىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكىرى ئىككى مىليون 300مىڭ، ياپونىيەنىڭ بولسا 247مىڭ 150. ئۇرۇش قىلىش ئايروپىلانى، ئاساسلىق ئۇرۇش قىلغۇچى تانكا، تاكتىكىلىق سۇ ئاستى پاراخوتى جەھەتتىمۇ جۇڭگو ياپونىيەدىن ئېشىپ كەتكەن.

  بۇ دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ ئۆتكەن يىلقى دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى 112مىليارد 200مىليون ئامېرىكا دوللىرى، ياپونىيەنىڭ بولسا 51مىليارد ئامېرىكا دوللىرى. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادنىڭ تۈرتكىسىدە، خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى زامانىۋىلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ، بۇ ئاسىيادىكى بىر قىسىم تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرنىڭ قۇرال كۈچىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

  ئەمما دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگودىكى ئاجىزلىق- ئۇرۇش قىلىش تەجرىبىسى، مەشىقلەندۈرۈش، جەڭگىۋارلىق روھىنىڭ كەمچىل بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر شۇنداقلا قوماندانلىقنى كونترول قىلىش ۋە سۇ ئاستى كېمىسىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى يېتەرسىزلىكلەر.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: مەلۇم جەھەتتە رايون تېخنىكىسى بىر قەدەر ئىلغار قۇراللىق كۈچلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا،ئالايلۇق كورېيە ۋە ياپونىيەنى ئالساق، جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ سۈپىتى يەنىلا بىر قەدەر ناچار، ئامېرىكا بىلەن سېلىشتۇرغاندا پەرق تېخىمۇ چوڭ.

  1945-يىلى ياپونىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىلگىرى ئۇرۇشتا ئەشەددىي دۈشمەن بولۇپ كەتكەن ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا قويۇق مۇداپىئە مۇناسىۋىتى ئورناتتى، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا بۇ ئىتىتپاقدىشىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار. ھازىر ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدىكى ھەر قايسى مۇھىم ئىستراتىگىيەلىك بازىسدا تۇرۇشلۇق ئەسكىرى 50مىڭغا يېتىدۇ، بۇ ھازىرقى تالاش-تارتىش بولىۋاتقان ئارالغا ناھايىتى يېقىن ئوكىناۋا ئارىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ياپونىيەنىڭ ھەربىي مەسىلىلەر تەھلىلچىسى مۇنداق دېدى: ياپونىيەنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىغا ئامېرىكىدىن ئايرىپ باھا بەرگىلى بولمايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ يالغۇز ئۇرۇش قىلىشنى ئۈمىد قىلمايمىز. ياپونىيە ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ئارمىيەسىگە تاقابىل تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا، ئامېرىكىنى ئويلاشمىغان ئەھۋالدا ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى جۇڭگو ئارمىيەسى بىلەن سېلىشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى يوق.

  جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاڭ ۋەنچۇەن خاگىل بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، جۇڭگو ئارال تالاش-تارتىشىدا ئالدى بىلەن ھەرىكەت قوللانمايدۇ، دېدى.

  ياپونىيەنىڭ ھەربىي مەسىلىلەر تەھلىلچىسى مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ سىياسىتى «سۈنزى ھەربىي ئىشلار دەستۇرى» ئىدىيەسى بويىچە، ئۇرۇش قىلماستىن باشقىلارنى باش ئەگدۈرۈش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر