باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ21-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

2014.04.15 08:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21- قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 14- ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8-سانلىق يىغىنى 21-ئاپرېلدىن 24-ئاپرېلغىچە بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇنداق تەكلىپ بېرىلىدۇ: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8-سانلىق يىغىنى مۇھىت ئاسراش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھىسى، خامچوت قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھىسىگە داۋاملىق قاراپ چىقىلىسا.دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ھاۋا يولى قانۇن لايىھىسىگە قاراپ چىقىش توغرىسىدا سۇنغان لايىھىسى، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى ئىزاھات لايىھىسىگە قاراپ چىقىش توغرىسىدا سۇنغان لايىھىسى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى ئىزاھات لايىھىسىگە قاراپ چىقىش توغرىسىدىكى لايىھىسى قاراپ چىقىلسا؛ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئۈن سىن ئورۇنلاش بېيجىڭ شەرتنامىسىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلاش توغرىسىدا سۇنغان لايىھىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار ئەدلىيە ياردىمى ھەققىدىكى شەرتنامىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلاش توغرىسىدا سۇنغان لايىھىسى قاراپ چىقىلسا؛دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش بۇلغىما ئازايتىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاراپ چىقىلسا؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قىسمەن ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاراپ چىقىلسا؛ ئالاقىدار ۋەزىپىگە تەيىنلەش ، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش لايىھىسى قاراپ چىقىلسا ۋەھاكازالار.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2014-يىللىق خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە قانۇن چىقىرىش،نازارەت خىزمىتى پىلانى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ چېن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8-سانلىق يىغىنىنىڭ قارالما لايىھىسى ، كۈن تەرتىپىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىكرى ئۈستىدە دوكلات بەردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتى، مالىيە ئىقتىساد كومىتېتى ، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش كومىتېتى ، دائىمىي كومىتېت قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى، ۋەكىللەر سالاھىيىتى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8-سانلىق يىغىنىنىڭ ئالاقىدار قارالمىسى ئۈستىدە دوكلات بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر