باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆلەملەشكەن ئوتتۇرا كىچىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.8ئاشتى

2014.04.14 08:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۇ كېمىن تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى ئېلىمىزدە كۆلەملەشكەن ئوتتۇرا كىچىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسىي تىجارەت كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.9، پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.8ئاشتى، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە رىقابەت ئۈستۈنلىكى يەنىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى. لېكىن ھازىر نۇرغۇن ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار يۇقىرى تەننەرخ ۋە بازار ئېتھىياجى يېتەرسىز بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىگە دۇچ كەلمەكتە. جۇڭگو ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار خەلقئارا ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە باشلىقى ليۇ يۈپۇ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار ھەم ھاياتى كۈچكە ئىگە، ھەم ئۇلارنىڭ يۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. ھازىرقى بازاردا ئۈنۈملۈك رولىنى جارى قىلدۇرالمىغاندا، ھۆكۈمەت ۋاقتىدا تولۇقلىما بېرىشكە، كارخانىلارنىڭ مەبەلغ يۈرۈشى تەس، تەننەرخى يۇقىرى، باشقۇرۇشى ئاجىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشكە توغرا كېلىدۇ، مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى تاللىشى ۋە بۇنىڭ بىلەن تەمىنللىشىگە ياردەم بېرىش ئوبدان چارىلەرنىڭ بىرى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر