باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چەرچەن ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىدا 5-ئايدا ئىش باشلىنىدۇ

2014.04.11 14:13         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  9-ئاپرېل مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ چەرچەن ئايرودۇرۇمىنى يۆتكەپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىدا بۇ يىل 5-ئايدا ئىش باشلىنىدىغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە 2015-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلۇش تاماملىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي گەۋدە پىلانى ۋە دەسلەپكى لايىھەسى 31-مارت خەلق ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن ماقۇللانغان بولۇپ، بۇ تۈرگە جەمئىي 581 مىليون مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان.

  چەرچەن ئايرودۇرۇمىنى يۆتكەپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى دۆلەتلىك خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹12-بەش يىل››لىق پىلانىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن 2020-يىلىغا بارغاندا ئايرودۇرۇمنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 120 مىڭ (ئادەم /قېتىم) غا، يۈك توشۇش مىقدارى 480 توننىغا يېتىدىكەن.

  2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭدا بۇرۇلتوقاي، چەرچەن، يەكەن، چاقىلىق، تۇمشۇق قاتارلىق بەش ئايرودۇرۇمنىڭ قۇرۇلۇشى تەستىقلانغان بولۇپ، 2014-يىلى قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر