باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئۇچۇش ئىنستىتۇتى بىلەن جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى بىرلىشىپ شىنجاڭدا يۆنىلىشلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ

2014.04.11 14:15         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  14 – ئاپرېل، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئۇچۇش ئىنستىتۇتى بىلەن جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى بىرلىشىپ شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن يۆنىلىشلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ، قوبۇل قىلىنغان 60 نەپەر ئوقۇغۇچى ئۈچ يىللىق ئاۋىياتسىيە مۇلازىمىتىنىڭ ‹‹تالون شەكىل›› دىكى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندە ئالىي تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتىدە ئاۋىياتسىيە خادىمى بولۇپ ئىشلەيدۇ.

  بۇ قېتىملىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىش ئورنى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى، قوبۇل قىلىش ئوبيېكتلىرى ئىلگىرى ۋە ھازىرقى ئىجتىمائىي، تەبىئىي پەندە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار، تىزىملانغۇچىلار 2014 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا خەنزۇ تىلىدا بېرىشنى تىزىملاتقان بولۇشى، يېشى 20 ياشتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  ئايروپىلان خادىمى كەسپىگە تىزىملاتقان ئوغۇللارنىڭ بوي ئېگىزلىكى 175~182 سانتىمېتىر، قىزلارنىڭ 163~172 سانتىمېتىر بولۇشى كېرەك، ھاۋا بوشلۇقى بىخەتەرلىك قوغداش كەسپىگە تىزىملاتقان ئوغۇللارنىڭ بوي ئېگىزلىكى 175~185 سانتىمېتىر بولۇشى كېرەك. 14 – ئاپرېلدىكى يۈز تۇرانە ئىمتىھان ۋە 15 – ئاپرېلدىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلار كەسپىي لاياقەتلىك ئۇقتۇرۇشنامىسىگە ئېرىشىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2012 – يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئۇچۇش ئىنستىتۇتى بىلەن جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى بىرلىشىپ شىنجاڭدا ئايروپىلان خادىمى بولۇشنى خالايدىغان ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلىگەن بولۇپ، 2013 – يىلىلا شىنجاڭدىكى 1400 دىن ئوشۇق ئوقۇغۇچىنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر