باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى››نىڭ تۇنجى تۈركۈمدە 26 كىتاب تارقىتىلدى (1)

2014.04.11 14:16   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى››نىڭ تۇنجى تۈركۈمدە 26 كىتاب تارقىتىلدى (1)

  10-ئاپرېل، تۇنجى تۈركۈمدىكى 26 كىتابنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى››نى ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىم تارقىتىش، تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

  تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: ئىككى يىل داۋام قىلغان تۈزۈش خىزمىتى ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتى ۋە شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك دوستلارنىڭ قەدىمكى غەربىي يۇرتنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش ۋە بۈگۈنكى شىنجاڭغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان چوڭ تىپتىكى ئەسەرلەر مەجمۇئەسى ـــ ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى›› رەسمىي نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. 10-ئاپرېل، تۇنجى تۈركۈمدىكى 26 كىتابنى ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىم تارقىتىش، تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ 26 كىتابنىڭ ئىچىدە ‹‹قۇتادغۇبىلىك››، ‹‹ئون ئىككى مۇقام››، ‹‹جاڭغىر››، ‹‹ماناس›› قاتارلىق ھەر مىللەت خەلقنىڭى نادىر قىممەتلىك ئەسەرلىرى بار.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى››گە كىرىش سۆز يېزىپ بەردى. 9-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، جاڭ چۈنشيەن تەكلىپكە بىنائەن ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى››نى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى، ئاتاقلىق يازغۇچى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى ۋاڭ مېڭ، دۆلەتلىك ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى سۇڭ مىڭچاڭ بىلەن كۆرۈشتى.

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز