باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ خەن، ليۇ ۋېي قاتارلىق 36 كىشىنىڭ قارا جەمئىيەتكە چېتىشلىق دېلوسىغا خۇبېينىڭ شيەننىڭدا داۋاملىق سوت ئېچىلدى

2014.04.14 08:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ليۇ خەن، ليۇ ۋېي قاتارلىق 36 كىشىنىڭ قارا جەمئىيەت خاراكتېرلىك شايكا تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش ۋە قاتنىشىش جىنايىتى ھەمدە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، قارا جەمئىيەت خاراكتېرىدىكى شايكىنى قانات ئاستىغا ئېلىش، يول قويۇش جىنايىتى قاتارلىق دېلوغا تۈنۈگۈن خۇبېينىڭ شيەننىڭ شەھىرىدە قانۇن بويىچە ئوچۇق سوت ئېچىپ قاراپ چىقىلدى.

  تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، ليۇ خەن قاتارلىق 10 كىشىنىڭ دېلوسىغا ئېچىلغان سوتتا، ۋاڭ يۇڭچېڭنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا داۋاملىق قاراپ چىقىلدى. ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ئىلتىماسى بويىچە سوتنىڭ ئىجازىتىنى ئالغاندىن كېيىن، باشقا بىر دېلونىڭ جىنايەت گۇماندارى سۈن فامىلىلىك سوتقا چىقىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ ليۇ خەننىڭ باشقىلارنى ۋاڭ يۇڭچېڭ، شى جۈنچۈەننى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە قۇتراتقان قۇتراتمىغانلىقى، يول كۆرسەتكەن كۆرسەتمىگەنلىكى پاكىتى، ليۇ خەننىڭ قارا جەمئىيەت خاراكتېرلىك تەشكىلاتنى تەشكىللىگۈچى، رەھبەرلىك قىلغۇچى ئىكەنلىكى ۋە ئەمەسلىكى ھەققىدىكى پاكىت، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۆستۈرۈپ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، ئىقتىسادىي مۇكاپات بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەر بىلەن باشقىلارنى ئۆزىگە قارىتىپ، مەجبۇرىي كونترول قىلىپ، تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىياتىنى ساقلىغانلىقى ھەققىدىكى پاكىت قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۈن فامىلىلىكنى سوراق قىلدى. چۈشتىن كېيىن، ئەيىبلىگۈچى، جاۋابكار ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى سۈن فامىلىلىكنىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى سوتتىكى ئىقرارىنى يۈزلەشتۈرۈپ ئىسپاتلىدى. ئارقىدىن، ئەيىبلىگۈچى ۋاڭ يۇڭچېڭنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى پاكىتى ھەققىدە جاۋابكارنىڭ ئىقرارىنى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى قاتارلىق ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى. ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى يۈزلەشتۈرۈپ ئىسپاتلاش پىكىرىنى ئېلان قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر