باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى››نىڭ تۇنجى تۈركۈمدە 26 كىتاب تارقىتىلدى (2)

2014.04.11 14:16   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى››نىڭ تۇنجى تۈركۈمدە 26 كىتاب تارقىتىلدى (2)

  10-ئاپرېل، تۇنجى تۈركۈمدىكى 26 كىتابنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى››نى ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىم تارقىتىش، تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى››نى تۈزۈش، نەشر قىلىش خىزمىتى 2012-يىلى باشلانغان بولۇپ، 2020-يىلى تاماملاپ بولۇش پىلانلانغان. پۈتۈن يۈرۈش مەجمۇئە 1000 قىسىم بولۇپ، بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى تۈر بويىچە رەتكە تىزىلغان ھەمدە ئىلاۋە يېزىلغان. بىرىنچى بۆلۈمى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى ئاساس قىلغان، ئىككىنچى بۆلۈمى شىنجاڭدا ساقلانغان قىممەتلىك تارىخىي ئەسەرلەر ۋە تارىخىي ماتېرىياللارنى ئاساس قىلغان، ئۈچىنچى بۆلۈمى شىنجاڭنىڭ تارىخىدىكى تۈرلۈك شەخسلەرنىڭ ئەسەرلىرى، تەرجىمىھالىنى ئاساس قىلغان، تۆتىنچى بۆلۈمى ئۇنىۋېرسال ۋە مەخسۇس ئەسەرلەر ۋە داڭلىق ئەسەرلەرنى ئاساس قىلغان.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، بەي جىجيې، لى شۆجۈن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. قىرغىزىستان، موڭغۇلىيە، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى؛ دۆلەتلىك كۇتۇپخانا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى قاتارلىق 12 ئورۇن كىتاب تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز