باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كىچىك مىكرو كارخانىلارنىڭ باج سېلىقى يېنىكلەيدۇ

2014.04.10 09:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى 8-ئاپرېل بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ يىلدىن باشلاپ ئۈچ يىلدا كارخانىلار تاپاۋەت بېجىنىڭ يېرىمىنى كۈچۈرۈم قىلىش ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ دائىرىسى يىلىغا باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋىتى 60 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن ياكى تەڭ بولۇشتىن، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن ياكى تەڭ بولۇشقا كېڭەيتىلىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  ئىككى تاماق مۇنداق دېدى: بۇ تەدبىر كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ باج سېلىقىنى يېنىكلىتىش، ئىقتىسادى تەرەققىيات ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئېلىمىز بازار ئوبيېكتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى ئىگىلەيدىكەن، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە كىچىك، مىكرو كارخانىلار 11 مىليون 700 مىڭغا يېقىنلىشىپ، تۈرلۈك كارخانىلار ئومۇمىي سانىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلىگەن. يەككە تىجارەتچىلەر مىكرو كارخانىغا كىرگۈزۈلۈپ ئىستاتىستىكا قىلىنغاندا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ سودا سانائەت ئورۇنلىرىغا رويخەتكە ئالدۇرغان بازار ئوبيېكتىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %94كە يېتىدىكەن. مەملىكەت بويىچە كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئېلىمىزدىكى 150 مىليون كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر