باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ قۇراللىق ساقچى قىسىم ئالاھىدە ساقچى ئىنىستىتۇتىنى كۆزدىن كەچۈردى

2014.04.11 08:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۆنۈگۈن جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىم ئالاھىدە ساقچى ئىنىستىتۇتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە «بۈركۈت زەربىدار قىسمىغا» بايراق تەقدىم قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىك ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى بارلىق ئوفىتسىر ئەسكەرلەردىن سەمىمى ھال سورىدى، قوراللىق ساقچى قىسىم دۆلەتنىڭ تېرورلۇققا زەربە بېرىش مۇقىملىقنى ساقلىشىدىكى مۇھىم كۈچ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك زوراۋانلىق تېررورلۇق جىنايىي ھەرىكەتلىرىگە كۈچلۈك زەربە بېرىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

  شى جىنپىڭ چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان قوراللىق ساقچى قىسىم ئالاھىدە ساقچى ئىنىستىتۇتىغا يېتىپ كەلدى. شى جىنپىڭ ئىنىستىتۇتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، مەشق مەركىزى بىناسىنىڭ 2- قەۋىتىگە چىقىپ، تېررورلۇققا زەربە بېرىش دەرسىنىڭ مەشق مانىۋېرىنى كۆردى. مەشق مەركىزى بىناسىنىڭ 2-قەۋىتىدىكى ئېلىشىش سارىيى ۋە 3-قەۋىتىدىكى مەخسۇس ئېلىشىش مەشق سارىيىدا شى جىنپىڭ ئالاھىدە جەڭ قىلىش قىسمىدىكى جەڭچىلەرنىڭ خەنجەر بىلەن مۇشلىشىش گۇڭپىسى، دۈشمەننى يىقىتىپ قولغا چۈشۈرۈش گۇڭپىسى، دەرىجىدىن تاشقىرى ئېلىشىش ۋە مۇشلىشىپ قارشىلىق كۆرسىتىش مەشقىنى كۆردى. تېررورلۇققا زەربە بېرىش ئۇرۇشى تەجىرىبە سارىيىنىڭ 1- قەۋىتىدە ئايروپىلان بۇلاشقا زەبە بېرىپ ئايروپىلان ئىشىكىنى ئېچىش مەشقى جىددىي ۋە كەسكىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىدى. شى جىنپىڭ مەشققە قاتنىشىۋاتقان ئالاھىدە جەڭ قىلىش قىسمى جەڭچىلىرى بىلەن بىر بىرلەپ قول ئېلىشىپ، سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئۇلارنىڭ تەربىيەلىنىش، مەشق قىلىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى، كۆپچىلىكنىڭ ئىلغار ماھارىتى ۋە جۇشقۇن روھىغا يۈكسەك باھا بەردى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئالاھىدە جەڭ قىلىش قىسمىنىڭ جەڭچىلىرى تېررورلۇققا زەربە بېرىشنىڭ 1-سېپىدە تۇرۇپ، ھەر ۋاقىت ھايات ماماتلىق سىناققا دۇچ كېلىدۇ، قېيىن ۋە قاتتىق مەشق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، يۈكسەك ھۇشيارلىقنى ساقلاپ، ئالاھىدە جەڭ قىلىش قىسمىنىڭ قابىليەتلىك جەڭچىسى، تېررورلۇققا زەربە بېرىشتىكى ئاۋانگارت جەڭچى بولۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ سائەت 11 دە، مەشق مەركىزىدىكى كۆرۈش سەھنىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ،«بۈركۈت زەربىدار قىسمىغا» بايراق تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ قىسىم بايرىقىنى «بۈركۈت زەربىدار قىسىمىنىڭ» باشلىقىغا تەقدىم قىلدى، بارلىق جەڭچىلەر قىسىم بايرىقىغا قاراپ سالام بېرىپ تەنتەنىلىك ھالدا قەسەم بەردى، ئارقىدىن شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىلەرنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش مەشقىڭلارنى كۆردۈم، ھەممىڭلار ئوبدان چېنىقىپسىلەر، تاۋلىنىپسىلەر. مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بۈركۈت زەربىدار قىسمى» دۆلەت دەرىجىلىك تېررورلۇققا زەربە بېرىشتىكى باشلامچى قىسىم. كۆپچىلىكنىڭ كۈچلۈك قوشۇن بەرپا قىلىش نىشانىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، قاتتىق مەشق قىلىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، قاتتىق باشقۇرۇپ، ئىدىيىۋى سىياسىي جەھەتتە ئىنتايىن چىڭ، كەسىپى ساپاسى ئىنتايىن يۇقىرى، جەڭگىۋارلىق ئىستىلى ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ، تېررورلۇققا زەربە بېرىشتە خەلقئارادا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالاھىدە جەڭ قىلىش قىسمىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، مەڭگۈ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق جەڭچىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر